ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى

     يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، زىكا ۋىرۇسى لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا ناھايىتى تېز تارقالدى. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ، پاشىلارنى كۈچەپ يوقىتىش، چېگرىدا تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتىش، دىياگنوز قويۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلار بىلەن يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى توسىدى.

    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىر ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 23 دۆلەتتە زىكا ۋىرۇسى بايقالغان، ئېغىر يۇقۇم رايونى بولغان بىرازىلىيەدىن باشقا، مېكسىكا، ئارگېنتىنا، ۋېنېزۇئېلا، كولومبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يۇقۇم ئارقا-ئارقىدىن تارقالغان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ئامېرىكا قىتئەسىدە زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى نەچچە مىليونغا يېتىدىكەن.

    يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بىرازىلىيەدە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېف 1-فېۋرال سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ ياردىمىدە بارلىق ئىمارەتلەرگە كىرىپ، ئېھتىماللىقى بولغان پاشىلار كۆپىيىدىغان جايلارنى تازىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالدىنقى ھەپتە، بىرازىلىيە 220 مىڭ ئەسكەرنى ئىشقا سېلىپ، زور كۆلەملىك پاشا يوقىتىش ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. روسسېف يەنە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفونلىشىپ، تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، زىكا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان ۋاكسىنا ۋە داۋالاش دورىلىرىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساشنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتتى.

    بىرازىلىيەنىڭ قوشنىسى كولومبىيەدىمۇ يۇقۇم ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس. كولومبىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر بۇ دۆلەتتە 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 2116 ھامىلىدار ئايالغا يۇقۇملاندى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ئۇلارنىڭ ھامىلىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن. كولومبىيە ھۆكۈمىتى ئاياللارغا كېچىكىپ ھامىلىدار بولۇش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە كىشىلەرنىڭ پاشا ئۆلتۈرۈش دورىلىرىنى ئىشلىتىپ، پاشىلارنىڭ چېقىۋېلىشىدىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇندىن باشقا، كولومبىيە ئارمىيەسى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ پاشا يوقىتىشىغا ياردەملەشمەكتە.

بىرازىلىيە بىلەن كولومبىيەنىڭ قوشنىسى ۋېنېزۇئېلا يېقىندا «ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت پىلانى»نى ئېلان قىلىپ، پاشا ئۆلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، زىكا ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى قاتتىق كۆزەتتى. ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقاتخانىسى زىكا ۋىرۇسىنى تەكشۈرىدىغان دورىلارنى تەييارلاپ بولدى، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىغا قاراپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا تارقىتىپ بېرىدۇ. ھازىر، ۋېنېسۇئېلادا زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغۇچىدىن 4500ى بايقالدى.

بۇندىن باشقا، ئېكۋاتور، بولىۋىيە قاتارلىق زىكا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئازراق دۆلەتلەرمۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پاشا ئۆلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، زىكا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

مىسىر ئىدىس پاشىسى زىكا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىكى باش جاۋابكار. بۇ يىل جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ھاۋاسى بىنورمال ئىسسىق بولۇپ، بۇ خىل پاشا ناھايىتى تېز ئاۋۇدى. كوستارىكا ئەنئەنىۋى پاشا ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىدىن باشقا يەنە، باكتېرىيەلىك پاشا ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنىمۇ كېڭەيتمەكتە.

كوستارىكا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پەن-تەتقىقات خادىملىرى باكتېرىيە ئارقىلىق مىسىر ئىدىس پاشىسى لىچىنكىلىرىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى بۇزىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن پاشا لىچىنكىلىرى 48 سائەت ئىچىدە ئۆلىدىكەن، ئەمما بۇنىڭ كىشىلەرگە زىيىنى يوقكەن. بۇ باكتېرىيەلىك دورىلارنى سۇ قاچىسى قاتارلىق پاشىلار كۆپىيىشى مۇمكىن بولغان جايلارغا قويۇپ قويسا، پاشا ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى 10 ھەپتىگىچە داۋاملىشىدىكەن. كوستارىكا سەھىيە مىنىستىرلىقى مېھمانخانا، مەكتەپ، زاۋۇت قاتارلىق كىشىلەر توپلىشىدىغان جايلاردا بۇ دورىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەردى. ئەمما بۇ دورا پاشا لىچىنكىسىغىلا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولغاچقا، ئەنئەنىۋى پاشا ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىكەن.

يۇقۇم تېخى ئېغىرلاشمىغان پېرۇ، مېكسىكا، ئۇرۇگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەردە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى چېگرا ۋە چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتتى. پېرۇ تۇنجى زىكا ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ قىسمەن چېگراسىدا سەھىيە تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چېگرا سەھىيە تەكشۈرۈش خادىملىرىنى تەربىيەلىدى. مېكسىكىمۇ پايتەخت ئايرودۇرۇمىدا چېگرادىن كىرىپ-چىققانلارنى كارانتىن قىلىشنى كۈچەيتتى ھەمدە مەملىكەت بويىچە يۇقۇم ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى.

دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچى بايقالمىغان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىمۇ زىكا ۋىرۇسىنىڭ ئەھۋالىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. سوغۇق ھاۋا ۋە ئاندىس تېغىدىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي توساق سەۋەبىدىن چىلىدا تېخى زىكا ۋىرۇسى بايقالمىدى، ئەمما چىلى زۇڭتۇڭى باچېلىت 1-فېۋرال خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، چىلىدا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى قانداق كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلدى. كۇبا سەھىيە مىنىستىرلىقىمۇ زىكا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىن قاتتىق ئېھتىياتتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇب ئورتاق بازىرى، يەنى جەنۇبىي ئامېرىكا ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇ ئېغىر يۇقۇم توغرىسىدا 2-فېۋرال سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، زىكا ۋىرۇسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.



خەتكۈچلەر:
04-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek