بالوتېللى : رونالدونى بىرازىلىيەدە بىر تەرەپ قىلىمەن

بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن ئىتالىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى بالوتېللى مەيلى مۇسابىقە مەيدانىدا بولسۇن ، ياكى مەيدان سىرتىدا بولسۇن كاللىسىغا نېمە كەلسە شۇنى دەيدىغان ،شۇنداقلا ھىچكىمدىن تەپ تارتمايدىغان ئەركىن پۇتبولچى .بۇ جەھەتتە بالوتېللىنىڭ دۇنيادا نامى بار .مۇشۇ مىجەزى بىلەن ھەر ۋاقىت كىشىلەرنىڭ قىزىق نوقتىسى .ئەلۋەتتە ،ئا س مىلان كوماندىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ياخشى .يېقىندا بالوتېللى ئالدىنقى يېرىم پەسىل كوماندىدىكى « ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى » بولۇپ باھالاندى .ئىتالىيە توپ مەستانىلىرى كېلەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسدە بالوتېللىدىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ .بالوتېللىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ،دۇنيا لوڭقىسدا ئۆزىگە ئەڭ ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان توپچى بولسا پورتۇگالىيەلىك داڭدار چولپان كىرىستىئانو رونالدو بىلەن ئۇرۇگۋايلىق ھۇجۇمچى سۇيارېز ئىكەن .باشقا توپچىلاردىن قەتئى قورقۇپ قالمايدىكەن .ھەتتا بۇ قېتىم مېسسىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان .بالوتېللى تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرماي ئۇدۇللا قىلىپ مۇنداق دىگەن .بۇ بىر يىلدا پەقەت رونالدولا مەندىن كۈچلۈك .بىراق رونالدونى بىرازىلىيەدە بىر تەرەپ قىلىمەن .ساقلاپ تۇر پورتۇگالىيەلىك .مەرگەنلكنى ئالمىسام ھېساپ ئەمەس !

2014-يىلى يازدا ئېلىپ بېرىلىدىغان دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە ، ئىتالىيە كوماندىسى تۇنجى مەيداندا سۇيارېزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ .ئارقىدىن ئېنگىلاند ،كوستارىكا قاتارلىق كوماندىلار بىلەن ئوينايدۇ .گۇرۇپپىدىن چىقىپ كېتەلىسە بالوتېللى ئارزۇسى بويىچە پورتۇگالىيە بىلەن ئۇچۇرشۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن !



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: شىنلاڭ
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندا 1 : 2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇ...
04-05-2016
     ئەتە سەھەر ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ مۇداپىيەچىسى زابالېتا ئ...
04-05-2016
      قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چېلىشىشقا ئامراق ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش...
04-05-2016
     لېيچېستېر شەھىرى بۇ پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇلى رانېرىمۇ بىرلەشمىنىڭ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. رانېرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن ...
04-05-2016
    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشدا خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئىنگلاند زەردارى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن 0-0 تەڭلىشىپ قالدى. ناۋادا ئەتە سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدى...
04-05-2016
    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ‹‹ۋاڭيۈەن›› بىيو تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە قوللاش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى 26 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى...
02-05-2016
     تاقا كوماندىسى بىلەن چاقماق كوماندىسىنىڭ ئۇچرىشىشى ئىزچىل تۈردە كىشىلەر تەرىپىدىن «كوللىكتىپ ۋاسكېتبول» بىلەن «شەخسىي تالانت» نىڭ رىقابىتى دەپ قارىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردىكى ئۇچرىشىشىمۇ...
02-05-2016
     2015-2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن، AC مىلان كۇلۇبى 90 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ بىر قانچە پۇتبولچىنى سېتىۋالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىرقى بىرلەشمىدىكى ئورنىغا قارىغاندا، 90 مىليون ياۋرو بۇ تارىخى ئۇزۇن...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى، لاتۋىيە پايتەختى رىگادىكى ئېسپىلاندىن مەيدانى، رېستۇران مۇلازىملىرى لىققىدە مېنىرال سۇ قاچىلانغان ئېگىز ئىستاكان ۋە پەتنۇسلارنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى لاتۋىيە پايتەختى رىگادا...
01-05-2016
    «مىيۇنخېن كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە زەردارى بايرىن مېيۇنخېن ئۆز مەيدانىدا مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، رىبېرىنىڭ مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانل...
Powered by Leglek