لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى 30-ئىيۇل مۇنۇلارنى ئىسپاتلىدى: ئىسلام خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىق كۈچلىرى لىۋىيە ئالاھىدە قىسىمىنىڭ 2-چوڭ شەھەر بەنغازىدىكى باش شتابىنى ئىشغال قىلدى. يېقىندىن بۇيان توقۇنۇش ئۈزۈلمىگەنلىكتىن تاشقى ساھەنىڭ لىۋىيىدە ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىگە بولغان ئەنسىرىشىنى قوزغىدى. ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەر لىۋىيىدىكى پۇقرالىرىنى جىددىي چېكىندۈرمەكتە ھەمدە لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنى تاقىماقتا. جۇڭگونىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭنىڭ تۈنۈگۈنكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىر لىۋىيىدە تەخمىنەن 1100 جۇڭگولۇق خادىم بار بولۇپ، ئەلچىخانىنىڭ ياردىمى دە تەرتىپلىك چېكىنىۋېتىپتۇ.
بۇ ئەلچىخانىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5-ئايدىن ئىلگىرى لىۋىيىدىكى جۇڭگو خادىملىرى تەخمىنەن 2100 گە يەتكەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن تەخمىنەن 1000 كىشى ئارقا ئارقىدىن چېكىندۈرۈلدى. لىۋىيىدىن تېخى ئايرىلمىغان جۇڭگولۇقلار ئاساسلىقى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئىشچىلىرى، چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەر، ئوقۇغۇچىلار . ئاز ساندىكى كارخانىلار دۆلەت ئىچىدىكى باش ئورگاننىڭ كۆرسەتمىسىنى كۈتۈشتىن باشقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كارخانىلار خادىملىرىنى لىۋىيىدىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى. قىسمەن كارخانىلار چېكىنىشكە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، لىۋىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خادىملىرىنى يىغىۋاتىدۇ.
جۇڭگونىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى يەن جەنچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەلچىخانىمىز ھازىر جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ چېكىنىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىشىغا پائال ياردەم بەرمەكتە؛ ئەلچىخانىمىزنىڭ كونسۇل بۆلۈمى بىلەن سودا باشقارمىسىنىڭ تېلېفونى ئوچۇق، جۇڭگولۇق قېرىنداشلارغا ھەر ۋاقىت ياردەم، مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 30-ئىيۇل لىۋىيىدىكى جۇڭگولۇق پۇقرالارنى دەرھال چېكىنىشكە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى. ئەلچىخانا خادىملىرىمۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركۈملەر بويىچە پىلانلىق چېكىنمەكچى بولىۋاتىدۇ.
ھازىر لىۋىيىدىن جۇڭگوغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان يوق. پەقەت 3- بىر دۆلەتتىن ئالمىشىپ كېلىدىغان ئايروپىلان بار. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق لىۋىيىگە قوشنا دۆلەت تۇنىسقا بېرىش.
2.ماتىك ھەربىي ئايرودرومىدىن مىسىر قاتارلىق لىۋىيىنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىش.
3.دېڭىز يولى ئارقىلىق مالتا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىش. بىراق، تۇنىسنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھامۇت 30-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر لىۋىيە ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلىشىۋەرسە، تۇنىس لىۋىيە بىلەن بولغان چېگرىنى تاقايدۇ.
مالتا خەلق ئىشلىرى ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى 30-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگولۇق نەچچە يۈز ئىشچى لىۋىيىدىن پاراخوت بىلەن مالتاغا كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ ئىشچىلارغاۋاقىتلىق تۇرۇش ئورنى تەييارلىدى. لىۋىيىدىكى داۋالغۇش ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلاشسا، مالتا تېخىمۇ زور كۆلەمدە چېكىنىش ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلىدۇ. 2011-يىلى لىۋىيىدە ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، مالتا مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرىدىغان ئۆتەڭ سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينىدى.
بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، لىۋىيىدە مەملىكەت بويىچە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت داۋالغۇدى. 7-ئاي كىرىشى بىلەن لىۋىيە ۋەزىيىتى يەنىمۇ يامانلاشتى؛ ئىككى خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىق تەشكىلاتى قورشىۋالغان تېرىپولى خەلقئارا ئايدرومىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش كەسكىن ئۇرۇشى يۈز بېرىپ، نەچچە يۈز ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. ئايروپىلان ۋە ئايرودروم ئەسلىھەلىرى بۇزۇلۇپ، ئايرودرومنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇندىن باشقا شەرقىي قىسىمدىكى بەنغازىدىكى توقۇنۇشمۇ كۈنسايىن كەسكىنلەشتى.
2011-يىلى ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، لىۋىيە ۋەزىيىتى يەنە بىر قېتىم كونتروللۇقىنى يوقىتىش خەتىرىگە دۇچ كەلدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەر لىۋىيىدىكى پۇقرالىرىنى جىددىي چېكىندۈردى ۋە دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنى تاقىدى. تۈنۈگۈنگىچە گېرمانىيە ، فرانسىيە، ئەنگلىيە ، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر لىۋىيىدىكى پۇقرالىرىنىڭ تىزدىن چېكىنىشىنى ئارقا ئارقىدىن مۇراجەت قىلدى. ئامېرىكا، كانادا لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى تاقىدى. برازىلىيە، ئەنگلىيە ، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئەلچىخانا خادىملىرىنى چېكىندۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved