ئۈرۈمچى شەھىرى دۆڭكۆۋرۈكتىكى 14 ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە پارچە پۇل ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: شەھەر ئاھالىسى جاۋ يۇڭشىن 20-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:30 دا دۆڭكۆۋرۈكتە بازار ئايلىنىۋېتىپ، شۇ يەردىكى مەلۇم ئاپتوبۇس بېكىتىگە چاپلانغان «خەلققە قولايلىق پارچە پۇل ئالماشتۇرۇش ئورنى» دېگەن ئەسكەرتمىنى كۆردى ۋە ئارقىدىن دىققەت قىلىش ئارقىلىق مۇشۇ ئەتراپتىكى ئۈچ بېكەتكىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەسكەرتمە چاپلانغانلىقىنى بايقىدى.
ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن باشقا ئەتراپتىكى يەنە 11 بېكەتكە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەسكەرتمە چاپلانغان ۋە 21-ئاپرېلغىچە جەمئىي 521 يۈەن پارچە پۇل ئالماشتۇرۇلغان.
مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ قىزىلتاغ يولىنىڭ شىمالىدىكى 58-يول قىزىلتاغ باغچىسى بېكىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى پارچە پۇل ئالماشتۇرۇش ئورنى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ پائالىيەت ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋېيتەي يولى ئېغىزىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى، لۇيۈەن كوچىسى باشقۇرۇش كومىتېتى ميەننەن ئاھالىلار رايونىدىكى قاراۋۇلخانا، يەنە دۆڭكۆۋرۈك باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى 14 ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان، تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە پارچە پۇل ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدىن 19 ى بار ئىكەن.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورى، دوتسېنت خەن فاڭ مۇنداق دېدى: ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە پۇل ئالماشتۇرۇش ئورنىنىڭ بارلىققا كېلىشى كىشىگە شەھەرنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، بۇ پائالىيەتكە ئالاقىدار تۈزۈملەرنى كىرگۈزۈپ، نازارەت قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلغاندا يەنىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
شۇ جاي ۋاقتى 27- ماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغان بىر كونا ئايروپىلان نيۇيورك بىلەن يېڭى جېرسىي شىتاتى ئارىسىدىكى خادىسۇن دەرياسىغا چۈش...
|
 |
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىناق ئىشلىتىشكە كىرىشىدىكەن. ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال قاتن...
|
 |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
يېقىندا ئېچىلغان 19- قېتىملىق جۇڭگو بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە «ئاپتوبۇس مېتىرو» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چى...
|
 |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
 |
ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا نىسسان ئورگان تەرەپ NV300 نىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنىنىڭ ئورۇن بەلگىلىنىشى ھازىرقى NV200 دىن سەل يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە رىنائۇلى...
|
 |
تىنچ ئوكيان ئاپتوموبىل تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ شاڭخەي ۋولكسۋاگېندىن ئىگەللىشىچە، سانتانا Cross نۇسخىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدىغان تەييۈەن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە تۇنجى ئېلان ...
|
 |
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئەڭ يېڭى جىلى SUV تىپى NL-4 نىڭ ئاشكارىلانغان نىقابسىز سۈرىتىگە ئېرىشتى. بۇ ماشىنىدا جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، جىلىنىڭ يېڭى لوگ...
|
 |
ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى نوپۇسى كۆپ دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، باي-نامراتلىق پەرقى بەك چوڭ. ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى - تاتا گۇرۇھى نامراتلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى...
|
 |
5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مانگو خۇيۈ 2016-يىللىق جۇڭگو تارىمنى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم يېڭى مۇسابىقە بۆلىكى ئىشلەتتى، باشلىنىش نۇقتىسى چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرى، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى چاقىلىق...
|
 |
شىنخۇا تورى خەۋىرى. چەتئەل تاراتقۇلىرى يېقىندا يېڭى نۇسخىدىكى مازىدا Axela ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. سۈرەتتىن قارىغاندا، بۇ ئاپتوموبىل مازىدا Axela ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئۆزگەرتىلگەن...
|