خىزمەتتىكى ئاياللار كىيىمنى قانداق تاللىشى كېرەك

      كەسپىي خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ : بىر خىلى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار ، يەنە بىر خىلى مەخسۇس تاشقى مۇناسىۋەت بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار . ئۇلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئۆز ئوبرازىنى تىكلەشتە ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھەم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .

ئادەتتە ، كەسپىي خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاياللار كىيىنىش جەھەتتە تۆۋەندىكىلەرگە دېققەت قىلىشى كېرەك :

1. كېيىمنىڭ پاسونى ئاددىي ، شەكلى ئېنىق بولسا ، باشقىلارغا تېتىكلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ ، بەك كۆپ بېزەكلەر بىلەن زىننەتلىۋېتلگەن كېيىملەر سۆرەلمىدەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ .

2. رەختى ئاسان پۇرلاشمايدىغان كېيىملەرنى تاللاش كېرەك ، بولمىسا ئەتىگىنى قاتۇرۇپ كېيىپ چىققان كېيىملەر چۈش بولغىچە پۇرلىشىپ كېتىدۇ -دە ، باشقىلاردا بىر خىل رەتسىز ئايالكەن ( قىزكەن ) ، دېگەن تەسىرنى قالدۇرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاسان يۇيغىلى ھەم ئاسان دەزمال سالغىلى بولىدىغان ئارىلاشما رەختلىك كېيىملەرنى تاللاش كېرەك . مەسلەن ، كەندىر ، پاختا قاتارلىقلار بىلەن سۈنئىي تالانىڭ ئارىلاشمىسىدىن توقۇلغان كېيىملەرنى تاللىغاندا ، ئاسان پۇرلاشمايدۇ ھەم بۇخىل رەختلىك كېيىملەرنى كىيگەندە تەر سۈمۈرۈشچانلىقى يۇقىرى ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئادەمگە يەڭگىللىك ھەم ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ .

3. كەچلىك سورۇنلارغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇنۋېرسال كېيىم بولۇش كېرەك . چۈنكى ، كەسپىي خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار كۆپىنچە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بەزى زىياپەت ۋە كەچلىك ئولتۇرۇشلارغا قاتنىشىپ قالىدۇ ، بۇ ۋاقىتلاردا ئۆيىگە بېرىپ كېيىم ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ ، شۇڭا ئۇچىسىغا پۈتۈن كۆينەك كېيگەن بولسا ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئېسىل زىننەت بويۇملىرى تاقىۋالسا ياكى ئۆزگىچە بەلباغدىن بىرنى ماسلاشتۇرۇۋالسىلا زىياپەتكە ۋاقتىدا بارالايدۇ . ئەگەر چىرايلىق كوپتىنىڭ ئۈستىگە كاستىيۇم كېيگەن بولسا ، ئۇنىڭغا ماس ھالدا چاقناپ تۇرىدىغان نەپىس زىننەت بويۇمى تاقىۋالسا ، بۇ ھەم ئىشقىمۇ ھەم زىياپەتكىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان يارىشىملىق قىياپەت ھېسابلىنىدۇ .

4. كېيىم تاللىغاندا پاسونىنى ئاساس قىلىش ، ئەمما يېڭىلىق يارىتىمەن دەپ بەك ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك . تاللىغان كېيىملەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئېسىل ، مەدەنىي ، كۆركەم بولۇش كېرەك . شۇنداقلا ماسلاشتۇرۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن رەڭ جەھەتتىن بىر ياكى ئىككى خىل رەڭ سېستىمىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇشى كېرەك . مەسلەن ، توپ رەڭ سېستىمىسىدىكى رەڭلەرگە ئامراق بولسىڭىز ، قوڭۇر ، سېرىق ، ئاچ سېرىق ، ماش رەڭ ، قارامتۇل قىزىل قاتارلىقلارنى تاللىسىڭىز بولىدۇ .

5. كېيىمنىڭ رەڭگىنى تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى ئوتتۇرا ھال رەڭلەر ( يۇقىرىقىدەك توپا رەڭ سېستىمىسى قاتارلىقلار ) نى تاللاپ ئۇنىڭغا ئوچۇق رەڭلىك زىننەت بويۇمى ، كوپتا ، شارپا ، ياغلىق قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك .

6. بىر نەچچە قۇر كاستىيۇمىڭىز بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، كاستىيۇم كېيگەندە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ قالسىڭىز بەك مۇزلاپ كېتىشتىن ساقلىنالايسىز . يەنە بىر تەرەپتىن كاستىيوم كىشىنى روھلۇق كۆرسىتىدۇ .

7. يوپكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە تىزنى بېسىپ تۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق ھەم بىخەتەر بولىدۇ . قىسقا يوپكا كېيمەكچى بولسىڭىز ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ يېشىڭىز ، سالاھىيىتىڭىز شۇنداقلا سورۇن ، فىگورا قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق كېلىش - كەلمەسلىكىگىمۇ دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك .



خەتكۈچلەر:
30-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek