شىۋېيتسىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم پەقەت بىر كېچە ئۇخلىمىسىلا چوڭ مېڭىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، بېشى ئېغىر بىرنەرسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندەك بولۇپ قالىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ساغلام ياشلار بىر كېچە ئۇخلىمىسا، قېنىدىكى مېڭە سىلكىنىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك بەلگىسى بولغان نېۋرون ئالاھىدە خاراكتېرلىك ئېنولازا (NSE) سى ۋە 100 _ S ئاقسىلى قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىدىكەن، ئەمما بۇ خىل ئېشىش باشنىڭ تاشقى زەخمىسى پەيدا قىلىدىغان ئېشىشقا يەتمەيدىكەن. ئادەم ئۇخلىغاندا، چوڭ مېڭە ئۆزلۈكىدىن زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاپ تۇرىدىكەن. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيقۇنىڭ يېتەرسىز بولۇشى قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىك، پاركېنسون كېسىلى ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش كېسەللىكلىرى خەتىرىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved