روسىيە دېپلوماتىيە مىنىسىتىرى رافلوف 25-نويابىر تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ روسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەنلىكىنى ئالدىن پىلانلانغان ئىغۋاگەرچىلىك، روسىيە تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئويلىمايدۇ، دېدى.
رافلوف موسكىۋادا ئېچىلغان مۇخبىرلار يىغىنىدا: «بىزدە بۇنىڭ بىر قېتىملىق ئالدىن پىلانلانغان ھەرىكەت، بىر قېتىملىق ئوچۇق ئاشكارا پىستىرما، كۈتۈش، ئەگىشىش، باھانە ئىزدەش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات بار» دېدى.
بىراق رافلوف روسىيە تەرەپنىڭ تۈركىيەگە ئۇرۇش باشلاشنى ئويلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بىر تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلمايمىز، بىزنىڭ تۈركىيە خەلقىگە بولغان مۇئامىلىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، بىراق بىز تۈركىيە ھازىرقى رەھبەرلىرىنىڭ قىلغىنىغا قارىتا گۇمان قىلىمىز» دېدى.
ئۇ روسىيە-تۈركىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ سىياسىي شەخسلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، بىراق روسىيەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ھازىرقى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمنى قايتا باھالاپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved