چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيىدىكى تەتقىقاتچىلار يېقىندا بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەرلەر بالا تەربىيىلىسە جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ياخشى بولىدىكەن. گېرمانىيىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ئاتا بالىسى تۇغۇلۇپ بىر ياشقا توشقۇچە بولغان ۋاقىتتا ئىش ئورنىدىن «بالا تەربىيەلەش دەم ئېلىشى» ئالىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇلارنىڭ سانى يەنىمۇ كۆپەيمەكتە ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2007-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيىدىكى يېڭى پەرزەنتلىك بولغان ئاتا-ئانىلار گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ئېيىغا 1800 ياۋرو «ئاتا-ئانا ھەققى» ئېلىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدىكەن. ئەڭ كۆپ بولغاندا، پۇلنى ئۇدا 14 ئاي ئالسا بولىدىكەن، بۇ پۇل شۇ ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بېرىلىدىكەن.
ئەگەر ئەر-ئايال ئىككىلىسى خىزمەتچى بولسا، ئاتا 14 ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە ئىككى ئايلىق «بالا تەربىيەلەش دەم ئېلىشى»غا ئېرىشىش بىلەن بىللە 14 ئايلىق «ئاتا-ئانا ھەققى»گە ئېرىشەلەيدىكەن. بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە بالىغا چوقۇم ئاتىسى قارىشى كېرەك ئىكەن. بولمىسا «ئاتا-ئانا ھەققى»نىڭ بىر قىسمى تۇتۇپ قېلىنىدىكەن. ناۋادا ئانا دەم ئالسا 12 ئايلىق «ئاتا-ئانا ھەققى»گە ئېرىشەلەيدىكەن.
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved