2015-يىللىق ئالتۇن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى كىلەر ھەپتە ئىلان قىلىنىدۇ. مېسسى، رونالدو، نېيمار قاتارلىق ئۈچ پۇتبول چولپىنىنىڭ بىرى بۇ مۇكاپاتنىڭ ساھىبى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. 2007-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن كاكا خەلقئارا پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدى.
كاكا 2007-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، 2007-يىلىدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە بۇ مۇكاپات رونالدو ۋە مېسسى ئوتتۇرسىدا ئايلىنىپ تۇردى. كاكا بۇ توغىرلۇق «بۇرۇنقى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر دائىم ئالمىشىپ تۇراتتى، رونالدو ۋە زىدانىلار ناھايىتى قالتىس بولسىمۇ بىراق ئۇلاردىن باشقا يەنە فىيگو، رونالدىنھو، رىۋالدو، كاناۋالو ۋە مەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باققان. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ مۇكاپات مېسسى بىلەن رونالدو ئۈچۈن تەسىس قىلنغان بىر تۈردەكلا بولۇپ قالدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىپادىسىگە قارايدىغان بولساق ئۇلار ھەقىقەتەن بۇ شان-شەرەپكە لايىق» دېدى.
كاكا ھازىرغا قەدەر مۇشۇ شان-شەرەپكە ئېرىشكەن ئەڭ ئاخىرقى بىرازىلىيەلىك توپچى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرازىلىيە توپچىلىرى ھەتتا ئالدىنقى ئۈچ نامزات ئىچىگىمۇ كىرەلمىگەن. نېيمارنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى بىرازىليەنىڭ پۇتبول دۇنياسدىكى ئوڭايسىز ھالىتىىگە خاتىمە بەردى. كاكا بىرازىلىيە پۇتبولى توغرسىدا «بىرازىلىيە پۇتبولچىلىرىنىڭ ئىپادىسىنىڭ نېمىشقا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن، بىراق بۇ بىرازىلىيە پۇتبولىغا نىسبەتەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى. ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە» دېدى.
كاكا يەنە «نېيمار بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئىلگىرلىدى، توپ تېپىش ئۇسلۇبىمۇ پىشىپ يېتىلدى، ئۇ ھامان بىر كۈنى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved