رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى 22-نويابىر، ئەگەر غەرب ئەللىرىنىڭ نېفىت شىركەتلىرى رۇسىيىنىڭ نېفىت گازىنى ئېچىش تۈرىدىن ۋاز كېچىشىنى قارار قىلىدىغان بولسا، رۇسىيە باشقا دۆلەتلەرنى ھەمكارلىق شېرىكىگە تاللايدۇ، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسى رۇسىيىنىڭ بىر قىسىم نېفىت گازىنى ئېچىش تۈرىگە ھەقىقەتەن مۇقىمسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، جازالاشنىڭ تەسىرى ئاساسلىقى شىمالىي قۇتۇپ رايونى ۋە ئىچكى دېڭىز قۇرۇقلۇقىدىكى ئېچىش بىر قەدەر قىيىن بولغان نېفىت گازى تۈرىگە بىر قەدەر چوڭ تەسىر يەتكۈزدى. كۆپلىگەن غەرب ئەللىرىنىڭ نېفىت شىركەتلىرى رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كېڭەيتمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى بۇ شىركەتلەرنىڭ رۇسىيىنىڭ نېفىت گازىنى ئېچىش تۈرىگە قاتنىشىشغا يول قويمىدى.
![]() |
مۇخبىرلىرىمىز يۆ يەنيۈن، لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ماي سائەت 12 دە ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پولات لىمى ئوڭۇشلۇق قۇراشتۇرۇلدى.
ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال با...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved