جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-مارت تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر سوت ئەمەلدارى 25-مارت جاكارلاپ، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئادەم ‹‹ئەدلىيە سىستېمىسىنى ھاقارەت قىلىش ››قا چېتىلغانلىقتىن 23-ماي سوتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ مۇرسىنىڭ 5-قېتىم سوتلىنىشى بولۇپ قالىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە جاسۇسلۇق ۋە زوراۋانلىق جىنايەتلىرى بىلەنمۇ شىكايەت قىلىنغان بولۇپ، جىنايەت تۇرغۇزۇلسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنكەن.
مۇرسى مىسىردا تۇنجى قېتىم خەلق سايلىمىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن زۇڭتۇڭ بولۇپ، 2012-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 2013-يىلى ئىيۇلدا ئامما كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھازىرقى زۇڭتۇڭ سىسى رەھبەرلىكىدىكى مىسىر ھەربىي تەرەپ مۇرسى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. نۆۋەتتە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى قانۇنسىز تەشكىلات، دەپ جاكارلانغان.
مۇرسى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، مىسىر دائىرىلىرى ‹‹مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى››گە قاتتىق زەربە بەرگەن، بۇ جەمئىيەتنى قوللايدىغان ئەزادىن ئاز دېگەندىمۇ 1400 ى ئۆلتۈرۈلگەن، نەچچە يۈزى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، نەچچە مىڭى قامالغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved