ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 2- ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەلىك تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى داۋىد نوت خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بوسنىيە ، ئىران ۋە غەززە قاتارلىق ئۇرۇش رايونلىرىنى تېببىي داۋالاش ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەن. يېقىندا ، ئۇ ئۆزىنىڭ غەززەدىكى يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش جەريانىنى بايان قىلغان .
داۋىد نوتنىڭ ئېيتىشىچە، غەززەدە ئۇرۇش توختىغان تۇنجى كۈنى خۇددى دۇنيا ھالاك بولغاندەك سان - ساناقسىز يارىدارلارAl-Shifaدوختۇرخانىسىغا تولۇپ كەتكەن، ئۇ ئوپېراتسىيەخانىدا 12 سائەتكە يېقىن خىزمەت قىلىپ ، جاپالىق بىر كۈننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن . يارىدارلار ئىچىدە ئوق پارچىسى تىگىپ يارىلانغان سەككىز ياشلىق بىر قىز بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاشقازان، دۈمبە، كۆكرەك قىسمى ۋە بوغما ئۈچىيىدە ئوقنىڭ ئۇۋاقلىرى قېلىپ قالغان بولۇپ، داۋىد نوتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش نەتىجىسىدە ھاياتى خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكەن .
ئوپېراتسىيەخانىنىڭ سىرتىدا ئۈزۈلمەي ئېتىلىۋاتقان ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ، بىراق داۋىد نوت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ، ئۆلۈمگە ئامال ، ئاغرىققا سەۋەب قىلاتتى. ئۇرۇش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، ئۇلار كېيىنكى دەقىقىلەردە ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنى مەڭگۈ بىلمەيدۇ .
داۋىد نوت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : مەن ئائىلە قۇرۇشنى تاللىمىغانلىقىمدىن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن. چۈنكى مەن ئۆزەمنى بىر ئۆمۈر داۋالاش ئىشلىرىغا بېغىشلايمەن .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved