لەگلەك تورى تەرجىمىسى 8 ئىيۇن سەھەر سائەت 3 ئەتىراپىدا سۇييۆ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بىر لىق توخۇ باسقان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ بالونىغا ئۆت كەتتى . ئۆت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دەرھال نەخ مەيدانغا بېرىپ ئوتنى تىزدىن ئۆچۈردى . نەخ مەيداندا ھېچقانداق ئۆلۈش يارلىنىش كۆرۈلمىدى . لېكىن ماشىنىدىكى توخۇنىڭ ئۈچتىن ئككىسى كاۋاپ بولۇپ قالغان .
ئىگىلىنىشچە 8 - ئىيۇن سەھەر سائەت 3 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە سۈيجوۋ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغان . جىدىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتى خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تىزدىن 3 دانە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىلەن 20 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى چىقىرىپ نەخ مەيدانغا ئاتلانغان . ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيداندا نەچچە مىڭ توخۇ باسقان ماشىنا يول ياقىسىدا توختىتىپ قويۇلغان . ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپگە ئوت كەتكەن . بۇ ۋاقىتتىكى ئوت شىدەت بىلەن كۆتۈپ ماشىنا باش قىسىمىغا تىزدىن يۆتكىلىۋاتىدۇ . ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىنى قامال قىلىپ ماشىنىلارنىڭ كىرىپ چىقىشىنى مەنئي قىلدى . تەخمىنەن 40 مىنۇت توختىماي جەڭ قىلىش ئارقىلق ئوت ئاخىرى ئۆچۈرۈلدى . لېكىن ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان توخۇلارنىڭ ئۈچتىن ئككىسى كاۋاپ بولۇپ قالغان
ئىستىمال بۆلۈمى كەڭ شەھەر ئاممىسىنى ئەسكەرتىدۇ : ياز يېتىپ كەلدى شوپۇر دوسىتلار ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا سۈرئەت بەك تىز بولۇپ كەتمىسۇن ، چاقنىڭ بېسىمىمۇ بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسۇن ئۇنداق بولمىغاندا ئاسانلا قىزىپ بالونغا ئوت كىتىپ ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ .
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved