8 ياشلىق ئىدراكسىز قىز داڭلىق مودېلغا ئايلاندى
ئوماققىنە بىر قىزچاق 8 ياشتىلا داڭلىق مودېلغا ئايلىپنىپ، 150 تىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە ئېلانى ۋە تەشۋىقات فىلىمى ئىشلىدى. 8 ياشلىق جېسسىكا فەي ئېنگىلاندنىڭ لەنكاشىر ۋىلايىتىدىن بولۇپ، 15 ئايلىق بولغاندا مېڭە پوستلاق ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. شۇ چاغدا دوختۇر ئۇنى ئاران نەچچە سائەتلىك ئۆمرى قالدى، دەپ مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، بۇ قىزچاق قەيسەرلىك بىلەن ھايات قالغان. بىراق بۇ كېسەللىك بىلەن ئۇنىڭ ئەقىل-ئىدراكى ئېغىر دەرىجىدە يوقالغان. 29 ياشلىق ئانىسى لاۋرا بېللى ھەرخىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ھىچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. جېسسىكا 2 ياشقا كىرگەندە، ئۇنى كۈلدۈرىدىغان بىردىن بىر ئامال ئۇنى سۈرەتكە تارتىپ قويۇش بولغان. كۈتۈلمىگەندە، ھازىر ئۇ سۈرەتكە چۈشۈشكە تايىنىپ بىر كىشىلىك ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكەن.
http://news.xinhuanet.com/photo/2016-01/28/c_128679289.htm
تەھرىر:
بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، ئىلگىرى ئوقۇغان ۋە كۆرگەن بىر قانچە ۋەقەلىك يادىمغا كەلدى.
توماس ئېدىسون بىر كۈنى ئۆيگە بىر خەت ئېلىپ كەلدى ۋە ئاپىسىغا''بۇ خەتنى ئوقۇتقۇچۇم بەردى، سېنى ئوقۇسۇن دەيدۇ''دېدى. ئاپىسى خەتنى كۆز ياشلىرى ئىچىدە ئوغلىغا ئۈنلۇك قىلىپ ئوقۇپ بەردى ــــ .''ئوغلىڭىز بىر داھى،بۇ مەكتەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك كىچىك ۋە مەكتەپتە ئۇنى ئوقۇتقۇدەك قابىليەتلىك مۇئەللىم يوق، ئوغلىڭىزنى ئۆزىڭىز ئوقۇتۇڭ ''. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ئېدىسوننىڭ ئاپىسى ۋاپات بولغاندا ئۇ شۇ ئەسىرنىڭ داڭلىق ئالىملىرىدىن بىرسى ئىدى. بىر كۈنى ئېدىسون ئۆيدىكى كونا نەرسىلەرنى رەتلەۋىتىپ تارتمىدا قاتلاغلىق بىر خەتنى ئۇچرىتىپ قالدى، خەتتە'' ئوغلىڭىز روھىي كېسەل بالىدۇر، بۇندىن كېيىن ئوغلىڭىزنىڭ مەكتىۋىمىزدە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشىغا يول قويمايمىز ''دېيىلگەن ئىدى. ئېدىسون سائەتلەرچە يىغلىدى ۋە كۈندىلىك خاتىرىسىگە''توماس ئالۋا ئېدىسون ، قەھرىمان بىر ئانا تەرىپىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ داھىيسىغا ئايلانغان''روھىي كېسەل''بالىدۇر دەپ يازدى.
يەنە فورىست گامپ
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قابىلىيەتسىز بالا يوق، تەربىيەلىيەلمەيدىغان ئاتا ئانا ۋە ئوقۇتقۇچى بار.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved