بەزىلەر: ياش بۇ يەرگە بېرىپ قالغاندا ئۈگۈنۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ دەپ قارايدۇ. پەن بىزگە مۇنداق دەيدۇ: ئوغاقنى بىلىگەنسېرى ئىتتىكلەيدۇ، ئىشلەتمىسىڭىز داتلىشىپ كېتىدۇ. چوڭ مېڭىمۇ شۇنداق. مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىشكە، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولغاندا، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ، ھەتتا چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
ئۆگىنىش- ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتنى چېنىقتۇرۇش، چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ياخشى چارىسى.
بىلىم پايانسىز دېڭىز، نېمىنى ئۆگىنىش كېرەك؟ ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا، كەچۈرمىشلىرىگە، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە ھەۋىسىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش دائىرىسىنى ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن بېكىتىپ، شۇنىڭدىن بىر، ئىككىنى تاللاپ ئۆگەنسە بولىدۇ. مەدەنىيەت دۇنياسىدا ئەدەبىيات، خەتتاتلىق، شېئىرىيەت ئۆگىنىڭ؛ بىلىم دۇنياسىدا كومپيۇتېر، خەنزۇتىلى، چەتئەل تىلى، قانۇن قاتارلىقلارنى ئۆگىنىڭ؛ سەنئەت دۇنياسىدا مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت، فوتو سۈرەت يىغىپ ساقلاش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىڭ. ئەمما بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى جەھەتكە دىققەت قىلىش كېرەك.
بىرىنچى، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ كۆپۈككە ئوخشاپ قېلىشتىن، يەنى نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئۆگىنىش دائىرسىنى زىيادە كېڭەيتىۋېلىپ، بىر مەزگىل ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆگىنىپ، ئاخىرى مادار يەتمەي، يېرىم يولدا توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىش؛
ئىككىنچى، ئۆگىنىشتە بۇرغىلىق روھ بىلەن بېرىلىپ ئۆگىنىش، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved