جاھاندىكى بىر ھەپتىلىك ئىشلارغا نەزەر

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 11-سېنتەبىر، ھىندىنوزىيە بالى ئارىلى كاران ياسىن ناھىيەسى، يەرلىك ئامما يىلدا بىر كېلىدىغان Ngusaba Puseh بايرىمىنى تەبرىكلەپ، ئاتا-بوۋىلىرىنى خاتىرىلەپ، ئىلاھلارغا ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

 

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 12-سېنتەبىر، لىبېرىيە مونروۋىيە، مونروۋىيەدىكى بىر كوچىدا، بىر بالا بۇرنىنى ئېتىپ يەردە ياتقان ئادەمگە قاراپ تۇرماقتا، بۇ ئەر قارىماققا ئىبورا ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغاندەك قىلاتتى. ئامېرىكىنىڭ غەربىي كېنتۇككى ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى Armin Smailhodzic بىر خىل ئىبورا ۋىروسىنى ئىز قوغلىيالايدىغان ئۇسۇلنى ئىجاد قىلغان. Armin Smailhodzic بىر يانفون ئەپ دېتالى ئىجاد قىلىپ تىۋېنتېرنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق ۋىروسنى ئىز قوغلايدۇ. ئىگىلىنشچە، بۇ ئەپ ۋىروسنىڭ تارقىلىشىنى مۆلچەرلىيەلەيدىكەن.

 

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 11-سېنتەبىر، ئامېرىكا نىيۇيورك، نىيۇيورك دۇنيا سودا مەركىزىدە 911 خاتىرە نۇر ئابىدىسى يورۇپ، نىيۇيوركنىڭ كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى. بۇ ئارقىلىق 911 تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

 

شۇ يەر ۋاقتى 11-سېنتەبىر، ئوكرائىنا كىيېۋ، ئوكرائىنا ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى تەشكىلاتى Femen نىڭ ئەزالىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، نامايىش قىلغۇچىنىڭ بەدىنىگە قىزىل قاندەك سۇيۇقلۇق چاچتى ھەم ئوكرائىنا پراۋوسلاۋىيە دىنى چېركاۋىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئوكرائىناغا باستۇرۇپ كېرىشىنى قوللىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرىمىز،دەپ جار سالدى.

 


شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 9-سېنتەبىر، جەنۇبىي ئافرىقا پالېز، باتۇر Enrico Schoeman بىلەن Andre de Kock موتوسېكلىت بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 120 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئوت تونىلدىن ئۆتۈپ، ئۆزلىرى ئىلگىرى ياراتقان جىنىس رېكورتىنى بۇزماقچى بولدى.

 

شۇ يەرۋاقتى 2014-يىلى 9-سېنتەبىر، ھىندىستاننىڭ كونترولىقىدىكى كەشمىر سىلناجا، يەرلىك ئاھالە كەلكۈننىڭ ئېقىتىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر دەرەخنى چىڭ تۇتۇۋالغان. پاكىستان بىلەن ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلغان كەلكۈن 400 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى، ئۇ يەنە 500 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە ھەم نەچچە مىڭ ئاممىنى ئۆي ماكانسىز قىلىپ قويدى.

 

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 14-سېنتەبىر، پەلەستىن غەززەدىكى ئوقۇغۇچىلار خارابىلىك ئىچىدە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى باشلىدى، 50 كۈن داۋاملاشقان قانلىق توقۇنۇش تۈپەيلى، غەززەدىكى 500 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى ئۈچ ھەپتە كېچىكتى.

 

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 12-سېنتەبىر، مېكسىكا خاراپپا، «400 پۋېبلولىق» يالىڭاچ بولۇپ ئۇسسۇل ئويناپ نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقىقەت كومىتېتى قۇرۇپ، چىرنوس ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە قېرىنداشلىرىغا قىلىنغان جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

 

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 9-سېنتەبىر، ھىندىستان بوپار، ھىندى دىنى مۇرتلىرى Pitra Paksha مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئاتا-بوۋىلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

 

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى8-سېنتەبىر، ھىندىستان بومباي گاننېشو بايرىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىنى تەبرىكلىدى، مۇرتلار ئىلاھنىڭ ھەيكىلىنى دەرياغا تاشلاپ ئېقىتىۋېتىپ، بۇنىڭ بىلەن ئىلاھنى پەلەك ئوردىسىغا قايتاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

 

شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 13-سېنتەبىر، ئەنگلىيە بىرمىنخام، ئامما مۇردادەك ياسىنىپ نامايىش قىلىپ، بىرمىخام بالىلار دوختۇرخانىسى ئۈچۈن خەيرى ساخاۋەت پۇلى يىغدى.

 



17-09-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    2016- يىلى 27- ئاپرېل دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى دىياۋيۈ دۆلەتلىك مېھمانسارىيىدا ئاسىيا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىر يىغىنى 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى دۆلىتىمىزگە كەلگەن قىرغىزىستان...
28-04-2016
    ئاۋسترالىيە قىتئەسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە نامايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 5 دىن 1 كىشىلەرلا بۇ دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭلىسى Kevin...
28-04-2016
     ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى كىلىنتون ھىلارى ئەگەر ئامېرىكا سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولۇپلا قالماي يەنە رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابېنتنىڭ يېرىمغا يېقىن ئەزاسى ئاي...
28-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 26-ئاپرېل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قىز، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلەر يىلدىن باشلاپ ھىندىستاندا سېتىلدىغان بارلىق يانفونلارغا جىددىي ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋا ۋاقتى 28-ئاپرېل 5:01 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 10:01 مىنۇت) رۇسىيە يېڭى شەرق ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تارىختا ...
28-04-2016
     «دەۋر» ژۇرنىلى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوللىۋود كىنو چولپىنى ۋە ئامېرىكا تېررورلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى Quanticoنىڭ باش رولچىسى پرىيانكا چوپرا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ...
28-04-2016
   ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل ھاراقچىلىق كەسپى ماگناتى ۋىجاي مالىئانىڭ پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى دەلىللىدى. ۋىجاي مالىئا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قېلىپ، ئالدىنقى ئايدا چەتئەل...
28-04-2016
    ئوتتۇرا شەرقتە مالىمانچىلىق توختىمايۋاتقان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئاۋازغا قويۇشقا دۇچ كەلگەن، گېرمانىيە مۇساپىرلار سىياسىتىنىڭ قىينىشىغا چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش...
28-04-2016
    ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Facebookدا شەخىسلەرنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى، باش سۈرىتى، ئەھۋالىنىڭ يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ دوستلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئابونتلارنىڭ مەزكۇر تورغا بولغان ئىش...
28-04-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئەنگىلىيە لوندوندا شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدا ماسكا تاقىغان ھالدا يەردە جەسەتتەك يېتىپ ھاۋا بۇلغىنىشقا قارشى ئېتىراز بىلدۈرگەن. «ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش» نى تەش...
Powered by Leglek