ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، گۈزەل قىزلار بىلەن «ئاچپاقا» لار ئىككى خىل ئادەم دەپ كىم دەيدۇ؟ يېقىندا يېڭى زىللاندىيەلىك مودېل نېلا زىسسېر (Nela Zisser) باشقىچە داڭق چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىشتىھاسى خېلى بار بولۇپ، يەنى ئۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئاشقازان پادىشاھى» ئىدى.
ئۇ بۇرۇن بىر سائەتتە 10 مىڭ كالورىيەلىك ناشتىلىق يېگەن سىن ماتېرىيالى ئىشلىگەن. ھەر قايسى ساھەدىكى گۈزەل قىز-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ بەدەن شەكلىنى ساقلاش ئۈچۈن تاماق يېيىشنى چەكلەۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، نېلا زىسسېر «قاپ يۈرەكلىك» بىلەن «ئاچپاقا» لارچە غىزالىنىۋاتىدۇ.
23 ياشلىق نېلا زىسسېر بۇرۇن يېڭى زىللاندىيەنىڭ يەر شارى خانقىزى بولغان، بىراق ئۇ يېقىندا ئالاقە تورى Youtube دا ئۆزىنىڭ «ئاچپاقا» لارغا غىزالىنىش سىن ماتېرىيالىنى يوللاپ تورداشلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان ئىدى.
سۈرەتتىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ «ئاچپاقا» تولىمۇ چىرايلىق، تەنناز بىر قىز. شۇڭلاشقا كۆپچىلىك بەلكىم بىراقلا 20 تۇخۇم ۋە پىشلاق، بىر كىلوگىرام باكون، ئالتە دانە كولباسا، بەش پارچە تورت ۋە ناھايىتى كۆپ گۈمبىمەدەك يەپ بولىدىغان قىزچاق قانداق قىلىپ مۇشۇنداق تەنناز تۇرىۋاتقاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قېلىشى ئېنىق.
تەنناز نېلا زىسسېر بۇرۇن 17 مىنۇتلۇق غىزالىنىش سىن ماتېرىيالىنى يوللىغان بولۇپ، بۇ سىن ماتېرىيالى «10 مىڭ كالورىيەلىك ئىنگىلىزچە ناشتىلىق» دەپ ئاتالغان.
ئۇنىڭ يېگەن تاماقلىرىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ تاماقلار تولىمۇ مايلىق ئىدى. ئۇ تەييارلىغان ئىككى تەخسە ناشتىلىق 10 مىڭ 782 كالورىيە كېلىدۇ.
نېلا زىسسېر شۇ 10 مىڭ كالورىيەلىك ناشتىلىق يەپ تەخسىلەرنى قۇپقۇرۇق قىلىپ قويدى ۋە بۇ سىن ماتېرىيالىنى تورغا يوللاپ 13 مىڭ كىشىنى ئۆزىگە مەستانە قىلىۋالدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، ئەگەر يەنە بىر قېتىم ناشتىلىق تەييارلاشقا توغرا كەلسە، مەن يەنە ئازراق تۇخۇم، پۇرچاق ۋە بەرەڭگە قەلەمچىسى قوشىمەن. ئەمما مەن يەنىلا بۇ قېتىملىق ناشتىلىقتىن رازى بولدۇم، ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ يېدىم.
10 مىڭ كالورىيەلىك ناشتىلىقتىن باشقا، نېلا زىسسېر يەنە باشقا تۈرلەرگىمۇ رىقابەت ئېلان قىلىپ باققان. بىر ھەپتە بۇرۇن ئۇ تورغا 10 مىڭ كالورىيەلىك ئالتە قەۋەتلىك تورت يېگەنگە ئائىت سىن ماتېرىيالىنى يوللىغان ئىدى. سۈرەتتە: نېلا زىسسېر بەش ئىنگىلىز چىسى (تەخمىنەن 1.5 مېتىر) ئۇزۇنلىقتىكى ساندىۋىچنى يېمەكتە.
نېلا زىسسېر يەنە تېخى بىرلا قېتىمدا 100 دانە ھامبۇرگ بولكىسى يەۋەتكەن ئىدى.
2015-يىلى نېلا زىسسېر ئىككى كىلوگىرام قەھۋە بىلەن 100 دانە «كورىيەچە تاماق» (寿司) يېگەن.
نېلا زىسسېر ھازىر قەرەللىك ھالدا شۇنداق «ئاشقازان پادىشاھى» بولۇشقا رىقابەت ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ھەمدە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تورغا مۇناسىۋەتلىك سىن ماتېرىيالى يوللاۋاتىدۇ. بىراق «ئاچپاقا» بولۇش ئۇنىڭ پەقەت بىر تەرىپى خالاس.
ئۇ ئەمەلىيەتتە «%80 ۋاقتىنى ساغلام ئوزۇقلىنىشقا سەپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ دەل ئۇنىڭ تەنناز تۇرۇشىدىكى سەۋەب ئىكەن».
يېڭى زىللاندىيە گۈزەل تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېلا زىسسېر شۇنچە «ئاچپاقا» تۇرۇپمۇ يەنىلا مانا مۇشۇنداق تەنناز ۋە گۈزەل تۇرىۋاتىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved