بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
كورىيەنىڭ يىللار ناملىق پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەندىن كېيىن ، پاراخوتتىكىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە قاتتىق ۋىجدان ئازابى تارتىپ ئۆلۈۋالغان ئوقۇتقۇچى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى ،كاپىتان لىجۈنشى ھايات ماماتلىق پەيتىدە ، پاراخوتنى ۋە يولۇچىلارنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن .كورىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان كۆرۈنۈشكە قارىغاندا 69 ياشلىق كاپىتان ،ۋە ئۈچ پاراخوت خادىمىنىڭ تۇنجى تۈركۈم قۇتقۇزۋېلىنغانلار ئىچىدە بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
ئەينى چاغدا لى جۈنشى ئۈستىگە مايكا ۋە بوغما چاپان كىيگەن بۇلۇپ ،ئادەتىتكى يولۇچىلار بىلەن ھېچقانداق پەرقلەنمەيتتى .شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە كاپىتان قۇتقۇزۋېلىنغاندىن كېيىن ،ھۆل بۇلۇپ كەتكەن پۇللىرىنى قۇرۇتۇشقا ئالدىراپ كەتكەن .دوختۇرلارغا يالغان ئېيتىپ :‹،مەن پەقەت پاراخوت خادىمى ھېچنىمىدىن خەۋىرىم يوق ›دېگەن .
نۆۋەتتە كورىيە تەپتىش ئورگىنى لى جۈنشىنى پاراخوتنى تاشلاپ قېچىپ ،پاراخوتتىكى يولۇچىلارنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قولغا ئېلىشقا ئىلتىماس سۇندى .بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈچ پاراخوت خادىمى .ئۈستىدىن ئوخشاش سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىش ئىلتىماسى سۇنۇلدى .پاراخوتنى تاشلاپ قاچقان .كاپىتانغا قانداق جىنايەت بېكىتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ قىلمىشى ئەسىرلەردىن بۇيانقى دېڭىز ئىشلىرى قائىدىسىدە ، يەنى ھادىسىگە ئۇچرىغاندا كاپىتان ئەڭ ئاخىرىدا پاراخوتتىن ئايرىلىش كېرەك دېگەن قائىدىگە خىلاپ .
مەسلەن تىتانىك ناملىق پاراخوت فىلىمىدىمۇ ، كاپىتان ئاخىرىغىچە پاراخوتتىن ئايرىلماي ،پۈتۈن دۇنيادىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن . تالاپەت يۈز بەرگەندە كاپىتان چوقۇم ئەڭ ئاخىرىغىچە تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنە 1852-يىلىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە .شۇ يىلى ئىككىنچى ئايدا ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا خادا تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەن .كاپىتان قوماندانلىق قىلىپ ئاۋال ئاياللار ۋە بالىلارنى پاراخوتتىكى ئۈچ قۇتقۇزۇش كاتىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان .
ئۆزى پاراخوت خادىملىرى بىلەن تىنىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغىچە پاراخوتنى ساقلىغان .شۇنىڭدىن تارتىپ كاپىتاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلىشى ،دېڭىز قاتنىشىدىكى ئەنئەنىگە ئايلانغان .پاراخوت بولىدىكەن ئادەممۇ بولىشى كېرەك .كاپىتانغا نىسبەتەن بۇ بىر شەرەپ ۋە بۇرچ .
19-چېسلا كورىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىسىدا ،يىللار ناملىق پاراخوتنى سۈزۈش جەريانىنىڭ كارتون سخېمىسى بېرىلدى .قۇتقۇزۇش تاماملانغاندىن كېيىن غەۋۋاسلار ئاۋال ئەڭ ئاخىرقى ھالەتنى چىڭ تۇتۇپ ،ئۆرۈلۈپ چۈشكەن پاراخوتنى تۈزەلەيدۇ .ئاخىرىدا چوڭ تىپتىكى كىران بىلەن پاراخوتنى سۈزىدۇ .پاراخوت سۇ ئاستىدىكى چاغدا ئۇنىڭ ئېغىرلىقى بىلىنمەيدۇ ئەمما ،تارتىپ چىققاندىن كېيىن ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ .يىللار ناملىق پاراخوت ئاساسلىق مال ۋە ئاپتوموبىلنى باسقان بولغاچقا ،كەرگەن سۇ مىقدارىنى ھېسابلىغاندىمۇ ئون مىڭ توننىدىن ئېغىر چىقىدۇ .سۈزۈپ چىقىلغان پاراخوتنى چوڭ تىپتىكى كىران بىلەن باغلاپ سۆرەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ .يىللار ناملىق پاراخوت ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ھەر كۈنى دېگىدەك ئېچىنىشلىق خەۋەرلەر كېلىپ تۇرىۋاتىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGELK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved