ئاق تەنلىك ئايال قارا تەنلىكلەرنى مايمۇنغا ئوخشىتىپ تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى

    فرانسىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى 5-يانۋار فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئاق تەنلىك ئايال ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىسى پېننىي سپارروۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا سۆز قالدۇرۇپ، يېڭى يىل بايرىمىدا دېڭىز بويىغا بېرىپ ئويناپ ئەخلەت تاشلاپ كەتكەن قارا تەنلىكلەرنى مايمۇنغا ئوخشىتىپ، ئىرقى كەمسىتىش تالاش-تارتىشى پەيدا قىلغان.     خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئافرىقىلىقلار خەلق قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىرقى كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى گەپ-سۆزلەرنى تارقاتقان كىشىلەرنى ‹‹باشقىلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا قەستەن زىيان يەتكۈزدى›› دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان گەپ-سۆزلەر ئۈستىدىن جەنۇبىي ئافرىقا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەرز سۇنغان.

   پېننىي سپارروۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا، يېڭى يىل بايرىمى مەزگىلىدە قارا تەنلىك كىشىلەرنىڭ دېڭىز ساھىلىغا ئەخلەت تاشلىغانلىقىدىن زارلىنىپ، ‹‹ھازىردىن باشلاپ، مەن قارا تەنلىكلەرگە خۇددى مايمۇنغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىمەن، ئۇلار خۇددى مەن كۆرۈپ باققان ئوماق كىچىك ياۋا مايمۇنغا ئوخشاش قالايمىقان ئەخلەت تاشلايدۇ›› دەپ يازغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ بۇ يازمىسىنى ئۆچۈرۈپ، كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە ھېچقانداق ئادەمنى قەستەن ھاقارەتلەش مەقسىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

   خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ماندېلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ پۈتۈن مەملىكەتنى ياراشتۇرۇشقا قەسەم قىلغانلىقىغا 22 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئادالەت ۋە ياراشتۇرۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ 12-ئايدا ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارنىڭ قارىشىچە، 1994-يىلى تۇنجى قېتىم دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلگەندىن باشلاپ، ئىرقلار مۇناسىۋىتى ‹‹بىر ئىزدا توختاپ قالغان ياكى يامانلاشقان››.



خەتكۈچلەر:
06-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek