رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رېيتر ئاگېنتلىقى ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىدىكى كۆپلىگەن ئۇچۇر مەنبەسىنى نەقىل قىلىشىچە، ئىران دائىرلىرى ياۋرو بىلەن نېفىت توختامى سوممىسىنى ھېسابات قىلىپ، ئامېرىكا دوللىرىغا تايىنىشنى تۆۋەنلىتىشنى پىلانلىغان.
ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران يېقىندا فرانسىيە نېفىت-گاز شىركىتى توتال، ئىسپانىيە نېفىت-گاز ئايرىش شىركىتى CEPSAۋە Litasco، رۇسىيە لۇك شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان، ئىران يۇقىرىقى كارخانىلار بىلەن ياۋرودا ھېسابات قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ خادىمى بىلدۈرۈشىچە، ئىران مەركىزىي بانكىسى خەلقئارانىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان مەزگىلدە ياۋرو بىلەن تاشقى سودا ھېساباتى قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. ئۇ:«ئىران ياۋروغا يۈزلۈندى ھەمدە سىياسىي ئامىلنى چىقىش قىلىپ ئامېرىكا دوللىرى سودىسىنى بىكار قىلدى» دېدى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار خادىم رېيتر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئىران نەچچە مىليارد قەرزى بار سودا شېرىكلىرىگە ياۋرو بىلەن قەرز قايتۇرۇشىنى ئۇقتۇرغان. ھىندىستان ئىرانغا قەرزدار دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى يۇقىرىقى ئۇچۇرنى دەلىللىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved