ئۇكرائىنا كوكاكولا شىركىتىنى چەكلەشنى مۇراجىئەت قىلدى

    ئۇكرائىنا، كوكاكولا شىركىتى ئېلان قىلغان خەرىتىدە قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇۋېتىلگەنلىكىدىن نارازى بولدى


    كوكاكولا ئېلان قىلغان 1.0 نۇسخىدىكى رۇسىيە خەرىتىسىدە، رۇسىيەنى شىمالدىكى تۆت ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ زېمىنىدىن ئايرىپ تاشلىغان. جۇڭگو تورىنىڭ 6-يانۋاردىكى تېلېگراممىسى، رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كوكاكولا شىركىتى رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولغان «سويىدې نىنوخ»نىڭ باش بېتىدە، پىراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ رۇسىيەنىڭ بىر پارچە خەرىتىسىنى ئېلان قىلغان، بىراق تەھرىرلىگۈچى قەستەن چۈشۈرۈپ قويغانمۇ ياكى ئۇنىڭغا جۇغراپىيە دەرسىنى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۆتكەنمۇ، ئىشقىلىپ شىركەت ئېلان قىلغان رۇسىيە خەرىتىسىدە رۇسىيە چوڭ زېمىندىن «مەھرۇم»قىلىنغان. ياۋروپا قىتئەسىگە ئۆتىدىغان مۇھىم ئىشتاتى بولغان كالىنىنگراد ئىشتاتى، شۇنداقلا ياپونىيە بىلەن تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان شىمالدىكى تۆت ئارال (مىنامى تاقىم ئاراللىرى)، ئۇكرائىنا بىلەن تالىشىۋاتقان قىرىم يېرىم ئارىلى قاتارلىقلار خەرىتىگە كىرگۈزۈلمىگەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشنى رۇسىيەدىكى كەڭ تورداشلار ئۇنداقلا بولدى قىلمىغان. كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق سادالىرى ئىچىدە، كوكاكولانىڭ ئورگان تورىغا مەسئۇل كىشى رەسمىي شەكىلدە كەچۈرۈم سوراپلا قالماي، يەنە شۇ ۋاقتىنىڭ ئۆزىدىلا يۇقىرىدىكى خەرىتىنى ئۆزگەرتكەن، خەرىتىدە «چۈشۈپ»قالغان زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى رۇسىيەنىڭ دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزگەن. بۇ ماجىرانىڭ ساداسى بېسىقماي تۇرۇپ، يەنە بىر قېتىملىق ماجىرا چىققان. قىرىم ئارىلىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇۋېتىلىشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كۈچلۈك ۋە بەكمۇ سەزگۈر بولغان ئۇكرائىنا ئاممىسىنىڭ نەپرىتىنى قوزغىغان. كوكاكولا شىركىتى ئۆزلىرى ئېلان قىلغان خەرىتىدە قىرىم ئارىلىنى ھەقىقەتەن رۇسىيەگە قوشۇۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتىن، ئۇكرائىنادىكى مىللەتچىلىك تەشكىلاتى بولغان «ھۆرىيەت» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئولېگ جياگنابوك شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا فېيسبۇكتىكى شەخسىي تور بېتىدە بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرغان ھەمدە يەرلىك دائىرىلەرنى كوكاكولانىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى پائالىيىتىنى چەكلەشكە مۇراجىئەت قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنادىكى تورداشلارنىڭ ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن كوكاكولا شىركىتى، ئارقىدىنلا يۇقىرىدىكى ئىككى پارچە تەبرىك خەرىتىسىنى توردىن ئۆچۈرۈۋەتكەن. بىراق، «تىرناقنىڭ ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان»رۇسىيەلىك تورداشلار، كوكاكولا شىركىتىنىڭ ئۇكرائىن تىلىدىكى «سويىدې نىنوخ»نىڭ باش بېتىدە، قىرىم ئارىلىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۇكرائىنا دائىرىسىگە قوشۇۋېتىلگەنلىكىنى بايقاپ قالغان. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر بۇ ئىشقا دەل جايىدا باھا بېرىپ:«بۇ ئوچۇقتىن -ئوچۇقلا ئىككى بىسلىق ئۆلچەم قوللانغانلىق، بۇ، شىركەتنىڭ پايدا ئېلىشنى بىردىنبىر مەقسەت قىلىدىغان ماھىيەتىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى»دېگەن.

   كوكاكولا ئېلان قىلغان 2.0 نۇسخىدىكى رۇسىيە خەرىتىسىدە، قىرىم ئارىلى يەنىلا رۇسىيەگە «قوشۇۋېتىلگەن». كوكاكولا شىركىتى كېيىن يەنە:«بىز سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى غەش قىلغانلىقىمىزدىن ئەپسۇسلىنىمىز ھەم چىن قەلبىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز، بىز خەرىتىنى تۈزىتىپ بولدۇق، دىققەت قىلغايسىلەر»دېگەن.

   كوكاكولا شىركىتىنىڭ ئۇكرائىن تىلىدىكى ئورگان تورىنىڭ باش بېتىدە، قىرىم ئارىلى بۇرۇنقىدەكلا ئۇكرائىنا دائىرىسىدە قالدۇرۇپ قويۇلغان.

    نۆۋەتتە، تالاش - تارتىش پەيدا قىلغان خەرىتىنى كوكاكولا شىركىتىنىڭ رۇس تىلىدىكى ئورگان تورىنىڭ باش بېتىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن.

   ئۇكرائىنادىكى مىللەتچىلىك تەشكىلاتى بولغان «ھۆرىيەت» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئولېگ جياگنابوك شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا فېيسبۇكتىكى شەخسىي تور بېتىدە بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرغان ھەمدە يەرلىك دائىرىلەرنى كوكاكولانىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى پائالىيىتىنى چەكلەشكە مۇراجىئەت قىلغان.



خەتكۈچلەر:
07-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
4- ئاينىڭ 25- كۈنى مىسىر ۋە سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ ئازادلىق كۈنى. مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ كۈنى مۇبارەك نەزەربەند قىلىنغان ھەربىي ئىشلار دوختۇرخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى. مۇبارەكمۇ ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ دەرىس...
27-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئەنگىلىيە، ئىش ھەققى ۋە خىزمەت ۋاقتى مەسىلىسىگە نارازى بولغانلىقتىن، ھەرقايسى جايلاردىكى فېلدشېرلار (دەسلەپكى دەرىجىدىكى دوختۇر) ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان. 26-ئاپرېل ئەنگلىيەدىكى دوختۇ...
26-04-2016
    فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» نىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو ئەمگەك نازارەتچىلىك ئىدارىسى شۇ يەر ۋاقتى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى مۇنداق دېگەن: 2013- يىلىدىن بۇيان، بىرازىلىيەدىكى ئولىمپىك ...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاۋىستىرىيە ۋىنا، شۇ كۈنى نامايشىچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىغا قەغەز يەشىكلەرنى <چېگرا> غا سىمۋول قىلىپ دۆۋىلەپ قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆچمەنلەرنى قىسقارتىش سىياسىتىگە قارشى ئېتىرا...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىرازىلىيە پايتەختى بىرازىلىيە، 21 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان كومېتىت بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسىدا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېفنى ئەرز قىلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا باشلىدى.
26-04-2016
    ياپونىيە بىلەن رۇسىيە يېقىندا دىپلوماتىيە قاتلىمىدا باش ۋەزىر ئابې شىنزونىڭ 5-ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. توكيونىڭ «دۇنيا مىقياسى دىپلوماتىيەسى» بىلەن موسكۋانىڭ «شەرققە قاراش دىپلوم...
26-04-2016
    شىۋېيتسارىيە Ruixun بانكىسىنىڭ سودا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەنگلىيە مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبى بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىۋېيتسارىيە Ruixun بانكىسى ئەنگلىيە پۇل- مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى FCA...
26-04-2016
    جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى خاس ئەلچىسى شيې شياۋيەن 21–ئاپرېل سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە سۈرىيە زۇڭتۇڭىنىڭ سىياسىي، ئاخبارات مەسلىھەتچىسى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەن. ئىككى تەر...
26-04-2016
   ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى كارتېر 18–ئاپرېل ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئامېرىكىنىڭ ئىراققا 200 نەچچە كىشىلىك قوشۇن ۋە بىر نەچچە «ئاپاچ» ناملىق قوراللىق تىك ئۇچار ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كارتېر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ...
26-04-2016
    روسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات تورىنىڭ 25- ئاپرېل خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاناتولى ئانتۇنوف روسىيە-24 تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روسىيە ئاسىيا-...
Powered by Leglek