دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 21-چېسلا شاڭخەيدە جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭگو-رۇسىيە شەرق لىنىيەسى تەبىئىي گاز ھەمكارلىق تۈر ئەسلىمىسى»، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بىلەن رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي شىركىتىنىڭ «جۇڭگو-رۇسىيە شەرق لىنىيەسى گاز تەمىنلەش، سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى»غا ئىمزا قويۇشىغا گۇۋاھ بولدى.
ئىككى تەرەپنىڭ سودا كېلىشىمىگە ئاساسەن، 2018-يىلدىن باشلاپ، رۇسىيە جۇڭگو-رۇسىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى شەرق لىنىيەسى ئارقىلىق جۇڭگونى گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ، گاز كىرگۈزۈش مىقدارى يىلدىن يىلغا ئېشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يىلىغا 38 مىليارد كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ، جەمئىي 30 يىل بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved