سۇمرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمى ھەمدە ئۆلكە پارلامىنېت سايلىمى ئۆتكۈزدى ،نۆۋەتتە بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقان بولۇپ ،بېلەت نەتىجىسى كېچىككەندىمۇ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن .بېلەت تاشلىغان كۈنى جەمئىي 20ئادەم ھۇجۇمدا قازا قىلدى ،ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ،بېلەت تاشلىغان كۈنى ئافغانىستاندا 6218 بېلەت تاشلاش نۇقتىسى ئېچىلغان .تىزىملىكتىكى سايلىغۇچى 12مىلىيون بولسىمۇ ،بېلەت تاشلاشقان سايلىغۇچىلار سانى 7مىلىيون بولغان ،شۇ كۈندىكى بېلەت تاشلاش باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ،ئافغانىستان تالىبان قوراللىقلىرى ،سايلامنى قوراللىق بايقۇت قىلىپ ،سايلام ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىمىز دېگەن ئىدى . دېگەندەك ،ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى جەمئىي يەتتە ئەسكەر ،توققۇز ساقچى ۋە تۆت پۇقرا ھۇجۇمدا قازا قىلغان .
مۇخبىرلار پۇقرالاردىن سايلامدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز ؟دەپ سورىغاندا :‹دۆلىتىمىزنىڭ تىنچ بۇلۇشىنى ،ھەممىزنىڭ خۇشال خاتىرجەم ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ›دېگەن .ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن ،بۇ قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىنىڭ بېلەت نەتىجىسىنى ھېسابلاش خىزمىتى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن .بېلەت نەتىجىسى كېچىككەندىمۇ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن ،نامزاتلار 50%تىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىسە ،ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىككى نامزات ئارىسىدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلىنىدىكەن ،بۇ سايلامنىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىگە بېكىتىلگەن .جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭلى بۈگۈن ‹ئافغانىستاننىڭ دوستى جۇڭگو بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىتىپاق مۇقىملىقىنىڭ يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ›دېدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved