يىپەك يولى ساياھىتىدە خەلقئارالىق ماركا يارىتىمىز

ۋاڭ يايۈن
‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش پىلانى ۋە ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى ››ناملىق لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ‹‹ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ساياھەتنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى، تەشۋىقات ئېيى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇپ، يىپەك يولىغا خاس خەلقئارالىق سەرخىل ساياھەت لىنىيەسى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ۋىزا بېجىرىشىنى قولايلىقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك››. بۇ لايىھە يىپەك يولى ساياھىتىنى تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.


ئالدىدا مېڭىپ، بالدۇرراق بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى دۇ يىلى جۇڭگو خەلقئارا يىپەك يولى ساياھىتى تەرەققىيات يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتىكى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك، شۇنداقلا يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئالقىشلايدىغان ھەمكارلىق ساھەسى بولۇپ قالىدۇ.


ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى لى يىدۇڭ مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، تىل مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى يىپەك يولى ساياھىتى ئارقىلىق، 3 – كەسپنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش›› ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، ‹‹شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ساياھەت يىغىلىش – تارقىلىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش››، ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھەت مەنزىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش›› قىچە بولغان جەرياندىكى ئورنىنى ئېنىق بېكىتتى.


ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلىش كېرەك
ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، يارغۇل قەدىمىي شەھىرى، قىزىلقاغا تۇرى، قىزىل مىڭئۆي، سۇبېشى بۇتخانا خارابىسى، بېشبالىق باش قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى خارابىسى قاتارلىق قەدىمقى يىپەك يولىدىكى كۆزنى چاقناتقان بۇ گۆھەرلەر ‹‹يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە تەڭرىتاغ كارىدورىدىكى يول تورى›› سۈپىتىدە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولۇشقا ئىلتىماس قىلىنىپ، دۇنيانىڭ <<كۆزى>>نى قايتىدىن چاقناتتى.


تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئەنئەنىۋى لىنىيەسى 53 دۆلەتنى، غول لىنىيەسى ۋە تارماق لىنىيەسى 28 دۆلەتنى كېسىپ ئۆتىدىغان، 200 تۈرلۈك دۇنيا مىراسىغا ئىگە ، دۇنيا مىراسلىرى ئەڭ زىچ تارقالغان ساياھەت لىنىيەسى ئىكەن. ‹‹دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلىنغان›› قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ 33 ۋەكىل خاراكتېرىدىكى يادىكارلىقىنىڭ ئالتىسى شىنجاڭدا ئىكەن.


ئاممىغا ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 2014 – يىلى يەنە كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 14 دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو خەلقئارا يىپەك يولى ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئاچتى ھەم بىر نەچچە ئاكادېمىكنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ساياھەت يىغىلىش – تارقىلىش مەركىزى يىرىك پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.


كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلايلى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى يارىتىپ، يېڭى لىنىيەلەرنى ئېچىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يەنە بىر زور تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك .


لى جىندۇڭ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى بويىدىكى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى جۇڭگو ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ يىغىلىش – تارقىلىش مەركىزى قۇرۇش توغرىسىدىكى يىرىك پىلان››، ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھەتىنىڭ مەنزىلى توغرىسىدىكى يىرىك پىلان›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى 13 – بەش يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى››نى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يىپەك يولى ساياھەتچىلىكىدە داڭلىق ماركا يارىتىپ ۋە خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىش تاكتىكىسىنى بېكىتىپ، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ قاتارلىق زامانىۋى تاراتقۇلىرىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارادا يىپەك يولى ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول رايونىدا ساياھەتچىلىكتە يىغىلىش – تارقىلىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرىدىكەن، پىلان بويىچە مۇلازىمەت، سودا كوچىسى، ساياھەتچىلىك ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمەت مەركىزى، سودا مەركىزى، مېھمانساراي، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال بىنالارنى سېلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق توردا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش، قوماندانلىق قىلىش، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەتچىلىكىگە قوماندانلىق قىلىش، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە بىخەتەرلىك – جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتىنى يۆتكەش – سەپلەشكە قوماندانلىق قىلىش ۋە شىنجاڭ ساياھەتچىلىك ئالماشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت مەركىزىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا يېڭىدىن ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
12-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek