گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئىتالىيە كارخانىچىلار كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە جۇڭگو-ئىتالىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى
گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئىتالىيە كارخانىچىلار كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە جۇڭگو-ئىتالىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى .
لى كېچياڭ ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ھارپىسىدا ، ئىككى دۆلەت كارخانىچىلار كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگو-ئىتالىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى . ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نۆۋەتتە جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە . جۇڭگونىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ ، بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇۋېتىلىدۇ . ئىتالىيە ياسىمىچىلىقتىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ ، پىشقان تېخنىكا ، قالتىس تېخنولوگىيە، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئىگە . جۇڭگو-ئىتالىيە مەنپەئەتىنىڭ بىرلىشىش نۇقتىسى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەمكارلىق بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭەيمەكتە .
لى كېچياڭ ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قولايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇشىنى ، يېڭىچە ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ ، يېڭىچە ئېشىش نۇقتىلىرىنى يارىتىپ ، 3-تەرەپ بازىرىنى ئورتاق ئېچىپ ، كىشى پەخىرلەنگۈدەك ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى . ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىغا تېخىمۇ ئادىل ، مۇقىم سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ، يېڭى ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ ، جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئەمەلىي ، تېخىمۇ تېز ، تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يولىغا ئېلىپ مېڭىش كېرەك .
رېنزى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئىتالىيە-جۇڭگو ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىگە ئورناپ كەتكەن ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىي مۇستەھكەم ، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. ئىتالىيە تەرەپ ئىتالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ ، مەن ئىككى دۆلەت كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادتىكى ئۆزئارا ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئىتالىيە كارخانىچىلار كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە جۇڭگو-ئىتالىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى
تېڭشۈن تېخنىكىسى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بەيدۇ CEO لىيەنخوڭ : كەسپى دەرىجىلىك دېتال دېگەن بىر بازار !!!
ئىلگىرىكى جۇڭگۇ كەسپى دەرىجىلىك يۇمشاق دېتال تەرەققىياتى ھازىر ئۆزگىرىشكە باشلىدى ، ...
|
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved