جىنەندە پۇل ئالغۇچى ماشىنىنىڭ ئىچىدىن نومۇرى « M3S7» نىڭدىن باشلىندىغان يۈز يۇەنلىك يالغان پۇل چىققان

« سيىلىسمۇ ئوڭغۇل-دۆڭگۈل تۇيغۇسنى بىرىدىكەن ،قەغەز سۈپتىمۇ ياخشىكەن ،لىكىن بۇ ساختا پۇل ئىكەن ئەمەسمۇ .»20 –چىسلا چۈشتىن كىيىن شەھەر ئاھالىسى لىي خانىم قولىدىكى يۈز يۇەن خەلق پۇلىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەرگەن .ئاڭلاشلارغا  قارىغاندا باش نۇمۇرى « M3S7» دىن باشلانغان يۈز يۇەنلىك ساختا پۇل نۇرغۇن ئۆلكە شەھەرلەردە پەيدا بولغان .

لىي خانىم ئككىنجى ئايلانما جەنۇبى يولدىكى بىر شىركەتتە خىزمەت قىلدىكەن .5-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا ئۇ ئىشتىن قايتىپ بىر بانكىنىڭ پۇل ئالغۇچى ماشىنىسدىن 2000يۇەن پۇل ئالغان .«ئەينى چاغدا مىنىڭ ھەميانىمدا ھىچقانداق پۇل يوق ئىدى ،مەن پۇلنى ئالغاندىن كىيىن قارىمايلا ھەميانغا سېلىپ قويغان » دېگەن .5- ئاينىڭ 19-كۈنى لىي خانىم ئىشىك ئالدىدىكى بىر دورىخاندىن دورا ئالغاندا يۈز يۇەن پۇلنى بەرگەن ،ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى بولسا دۇككاندار پۇل تەكشۈرگۈچى ماشىنىغا سالغاندىن كىيىن بۇ پۇلنىڭ ساختا پۇل ئىكەنلىكىى ئىنىقلانغان ،دۇككاندار ئىككى قېتىم سىنىغان بولسىمۇ يەنىلا ئوخشاش چىقىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن لىي خانىم پۇلنى قولىغا ئېلىپ قارسا راستىنلا ساختا پۇل ئىكەن .ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئۆيى ئالدىدىكى باشقا بىر دۇككانغا كىرىپ پۇلنى تەكشۈرۈتكەن بولسىمۇ يەنىلا ساختا چىقىپتۇ .«بۇنىڭدىن بۇرۇن مەندە پەقەت يۈز يۇەنلىك پۇل يو ئىدى ،بۇ پۇل دەل مەن پۇل ئالغۇچى ماشىندىن ئالغان پۇل ،مەن چۈشتىن بۇرۇن بانكىغا تىلفۇن قىلغان ،كىيىن خەخ پۇل ئالغۇچى ماشىنىدىن ساختا پۇل چىقمايدۇ دەپ تۇرۋالدى » لىي خانىم تېخىمۇ چۈشنەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى .

مۇخپىر بۇ ساختا پۇلنىڭ باش نومىرنىڭ «M3S7 »بىلەن باشلانغانلىقىنى ،ياسلىشنىڭ شۇنداق پۇختا ،ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى ،پۇلنىڭ ئۈستىدە سۇ باسما بارلىقىنى ،بىخەتەرلىك سىزىقىنىڭ ،ئىككى يۈزىدىكى رەسىملەرنىڭ تەكشى كىلدىغانلىقىنى بايقىغان .ئەگەر راست پۇل بىلەن بىر يەرگە قويۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرمىسا ،كۆز بىلەن كۆزتىپ راست يالغانلىقىنى ئايرىشنىڭ بەك تەسلىكىنى ،بۇ پۇلنىڭ تەقلىد قىلنىشى بۇرۇن بايقالغان باش نومۇرى « C1F9» « HD9 0» دىن باشلانغان يالغان پۇللاردىن ئېشىپ كەتلكەنلىكىنى كۆرگەن .

تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇخپىر يىقىندا باش نومۇرى « M3S7» دىن باشلانغان ساختا پۇلنىڭ بۇرۇن چىڭداۋدا ، خېنەننىڭ جېڭجوۋدا ،يۈننەننىڭ كۈنمىڭدا ،گۈيجوۋنىڭ لىيۇپەنشۇي قاتارلىق جايلاردا بايقالغانلىقىنى ئىنىقلىغان .مۇخپىر لىي خانىمنىڭ قولدىكى ساختا پۇلنىڭ باش ھەرىپ نومۇرىنىڭ « M3S7967264» ئىكەنلىكىنى ،چىڭداۋدا بايقانغان ساختا پۇلنىڭ باش  نومۇرى« M3S7967267»نىڭكى بىلەن بەك يىقىنداش ئىكەنلىكىنى بايقىغان .

مۇخپىر قۇرلۇش بانكىسنىڭ جىنىنەن لىچېڭ تارماق بانكىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردە تىجارەت ئورنىنىڭ كەينى-كەينىدىن نۇرغۇنلىغان يالغان پۇللارنى يىغۋالغانلىقىنى ئىلان قىلغانلىقىنى ھەمدە ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ ،باش نومۇرى  « M3S7» بىلەن باشلانغاغلىقىنى ھەمدە نومۇرلارنىڭ ئارقىمۇ –ئارقا ئىكەنلىكىنى بايقىغان .كونكىرىت خۇسۇسىيتى بولسا ياسلىشى شۇنداق پۇختا ھەم ئىنچىكە بولۇپ پۇلنىڭ رەڭگى سەل سۇسكەن ، ستېرئولۇق نەقىش يوقكەن ، ئادەتتىكىدەك ئىكەن . سۇ بويقى راست پۇلغا سېلىشتۇرغاندا ئانچە بەك ئىنىق ئەمەسكەن ،كۆز بىلەن تەپسىلىي تەكشۈرگەندە بۇنى بىلۋالغىلى بولىدىكەن .


ساقچى تەرەپ شەھەر ئاھالىسىغا ساختا پۇلغا ئۇچراپ قالسا پۇلنى يىقىندىكى بانكا ئورگانلىرىغا ياكى جامائەت ئورگانلىرغا تاپشۇرۇپ بىرشىنى ، ئەگەر يەنىلا ئىشلىتىۋەرسە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا كىردىغانلىقىنى ئەسكەرتىپتۇ .

 



خەتكۈچلەر:
23-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-05-2016
     2016-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچۇرى: سەنشى شىيەنياڭ، ئاۋىستىرالىيىدىن بويىن 747 ئايروپىلانىغا «ئولتۇرۇپ» شەندۇڭ ۋېيفاڭ چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش كارانتىن قىلىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى كارانتىن پونكىتىغا ئېلىپ كېلىنگەن 1500 د...
25-05-2016
خېشۈن تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ ھەپتىدىن بۇيان نەق ئالتۇننىڭ باھاسى تېز چۈشتى، تۈنۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 10 دوللارغا يېقىن چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1244 دوللارغا چ...
25-05-2016
خېشۈن تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     13- قېتىملىق ھاسىلى مەھسۇلات بازىرى مۇنبىرى 5- ئاينىڭ 25- ۋە 26- كۈنلىرى شاڭخەيدە ئېچىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە شاڭخەي قەرەللىك مال بازىرى چىقىش نۇقتى...
25-05-2016
    سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن بازىرى داۋاملىق چۈشۈپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدىكى تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشتى، ئالتۇن باھاسى يەنىلا 1250 دوللارنىڭ تۆۋەنكى نۇقتىلاردا تەۋرەندى.     دوللارنىڭ ...
25-05-2016
    مۇخبىرنىڭ جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، سودا-سانائەت بانكىسى پاكىستان تارمىقىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك، قەرز ۋە ساپ پايدىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2011-يىلى تىجارەت باشلىدىغاندىكىدىن %1931، %1833 ۋ...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئىقتىساد ئاخبارات ئاگېنتلىقى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاسيادىكى 10 دۆلەت ۋە شەھەرلەردىكى ياشلار ئۈستىدە ...
24-05-2016
    شىنجاڭ تورى خەۋىرى، يېقىندا  ئۈرۈمچى جۇڭرۈي خېڭيۈەن مېتال-تاشلىرى خەلقئارا تاش ماتېرىياللار بازىرى تىجارەت باشلىدى. بۇ تاش ماتېرىياللار بازىرى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپمۇ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بى...
24-05-2016
    ئىسپانىيە «خەۋەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە كۆپ كىشىلەر كىرىمىنىڭ ئاي ئاخىرىدىمۇ ئېشىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن، كۆپلىگەن غەربلىكلەرنىڭ ھەممىسى كىرىمىنى ئاي ئاخىرىغىچە خەجلەپ تۈگىتىۋېتىدۇ....
24-05-2016
    ئىناۋەتلىك كارتا تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن «مىسلىسىز دەرىجىدىكى ئىستېمال ئەندىزىسىگە ئاخىر كىردىم» دەپ ئويلايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئىناۋەتلىك كارتىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئىستېما...
24-05-2016
    ئېلىمىز بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى خەلقئارا بىرلەشمە يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى توشۇغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مال 23-ماي شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى جىلۇڭ چېگرا ئېغىزىدا تاموژنىدىن ئۆتتى. شىزاڭ ئاپت...
Powered by Leglek