8 - ئىيۇن ئائىلە تاۋاباتى بىر مەيدان مەبلەغ توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . ئۇلار 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلاپ ئايروپىلاننىڭ ئىز دېرىكىنى بىلىدىغانلارغا مۇكاپات قىلىپ بېرىدۇ .
ئەنگىلىيە « ۋېيى باۋ » كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 8 - چېسلا خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، مالايسىيا MH 370 دىكىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتى مەمۇر ئىدارسىگە بولغان ئىشەنچنى يوقاتتى . شۇنىڭ بىلەن زور بىر تۇركۈم مەبلەغ بىلەن يىپ ئۇچى تەمىلىگۈچنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كېتىش سىرىنى تېپىپ چىقماقچى
ئەنگىلىيە « ۋېيى باۋ » كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 8 - چېسلا خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، مالايسىيا MH 370 دىكىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتى مەمۇر ئىدارسىگە بولغان ئىشەنچنى يوقاتتى . شۇنىڭ بىلەن زور بىر تۇركۈم مەبلەغ بىلەن يىپ ئۇچى تەمىلىگۈچنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كېتىش سىرىنى تېپىپ چىقماقچى
8 - ئىيۇن ئائىلە تاۋاباتى بىر مەيدان مەبلەغ توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . ئۇلار 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلاپ ئايروپىلاننىڭ ئىز دېرىكىنى بىلىدىغانلارغا مۇكاپات قىلىپ بېرىدۇ . ئائىلە تاۋاباتلىرى خەۋەر ئېلان قىلىپ خەلقئارالىق مەبلەغ يىغىش تورى Indiegogo.com دا MH 370نىڭ خەۋىرىنى بىلگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش ئېلانىنى چىقاردى .
ئايروپىلان يوقاپ كەتكەندىن كېيىن MH 370 نى جەنۇبى ھىندى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى دەپ قارىلىدۇ . لېكىن كەڭ كۆلەملىك ئىزدەشتىن كېيىن ئايروپىلاننىڭ پارچىسىنىمۇ تاپالمىدى . ناھايىتى ئاراپلىنىپ كۈتىۋاتقان ئائىلە تاۋاباتى ھەققەتنى يوشۇرغان دەپ گۇمانلاندى . مەبلەغ يىغىش پائالىيتىنىڭ مەسئۇل خادىمى خوتنىڭ بىلدۈرشىچە : بىز ھەققەتكە ئىشىنىمز ، ھەققەتنى بىلىدىغان كىشلەرنى بۇ پۇل بىلەن ھەققەتنى ئېيتىشقا دەۋەت قىلىمز .
ئامېرىكىلىق يولۇچى جوننىڭ جۈپتى مۇنداق دېدى : مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە ئورگانلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى لېكىن ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئىگە بولالمىدى . بۇ بەلكىم ئىزدەش ئۇسۇلىداكەمچىللىك بولۇشى ياكى بەزىلەر قەستەن خاتا يولغا باشلاۋاتىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا MH 370 نى ئىزدەشكە مەسئۇل بولغان ئاۋستىرالىيە تەرەپ داۋاملىق ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved