ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 9-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق ئۇسۇلچىسى جىلىئان لىيىن بۇ يىل 88 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئۇسۇل ئويناشنى توختىتىپ قويمىغاچقا ، ياشلاردەك چاققان ھەم تېتىك ئىكەن . يېقىندا ئۇ ‹‹ چېنىققانلار قېرىمايدۇ ›› نامىدىكى DVD پىلاستىنكىسىنى بازارغا سېلىپ ، تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلارنى چېنىقىشقا چاقىرغان .
جىلىئان داڭلىق بالېت ئارتىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇسۇل ئىشلىگۈچى ۋە رېژىسسور. گەرچە جىلىئاننىڭ ئىككى ساغرىسى ۋە پۇتىغا زەخمىلەنگەنلىك سەۋەبىدىن مېتال ئورنىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چېنىقىشنى توختاتمىغان . ئىگىلىنىشىچە ، جىلىئان بازارالاردا سېتىلىۋاتقان چېنىقىش پىلاستىكىلىرىنىڭ ياشانغانلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندىن كېيىن، يولدىشى بىلەن بىرلىشىپ مەخسۇس ياشانغانلارنىڭ چېنىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان DVD پىلاستىكىسىنى ئىشلەپ بازارغا سالغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved