60 يىل. شاھىتلار سۆزلىسۇن
مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاۋ شىنچاڭ
ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى بارغانسېرى قويۇقلاشتۇردى، ئىلگىرى بىزگە يىراق بىلىنگەن جايلارغا ھازىر شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا يېتىپ بارالايدىغان بولدۇق.
ئىلگىرىكى جۇڭگو – سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى پاي شىركىتى 1954 – يىلى 31 – دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان پايچېكىنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. 1955 – يىلى 1 – يانۋار جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسيەسى غەربىي شىمال باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلدى ھەم شۇ يىلى سېنتەبىردە نامىنى ئۈرۈمچى باشقۇرۇش ئورنىغا ئۆزگەرتتى.
شىنجاڭدىن ئۇچۇپ چىقىش ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز ئىدى
بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن خۇ گويى ئەينى چاغدىكى ئۇچقۇچىلار 9 – چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. ئۇ 1959 – يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 14 – ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇچقۇچى بولغان. ‹‹ئەينى چاغدا ئۇچۇش شارائىتى ناچار، ئايروپىلانلار كىچىك، ئۇچۇش لىنىيەسى پەقەت شىنجاڭ ئىچى بىلەنلا چەكلەنگەچكە، شىنجاڭدىن ئۇچۇپ چىقىش ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز ئىدى›› دېدى خۇ گويى.
1977 – يىلى 25 – مارت، شاڭخەي – لەنجۇ – ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە سىناق تەرىقىسىدە باشلانغان قاتناش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئەينى چاغدا بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنەتتى. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى قاتناشنى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شاڭخەي باشقۇرۇش ئىدارىسى ھۆددىگە ئالغانىدى. شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى (جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىلگىرىكىسى) 1986 – يىلى ئۈرۈمچى – بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر زىچ تۇتاشتۇرۇلدى.
ئۇچقۇچىلار ‹‹تىراكتورچى›› دەپ ئاتالدى
بۇيىل 71 ياشقا كىرگەن فېي تەيكۈي 1967 – يىلى سىچۈەن ئاۋىياتسىيە مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، قەلبىگە گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلارنى پۈكۈپ، شىنجاڭغا كەلگەن. ئەينى چاغدا ئۇ ‹‹ئانتونوۋ – 2›› تىپلىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ، قىشتا ئالتاي، كۆكتوقاي قاتارلىق جايلارغا ئۇچاتتى، يازدا كۆپرەك دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى.
فېي تەيكۈي دائىم جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ دېھقانچىلىق دورىسى چاچاتتى، ‹‹ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشى ئايروپىلاننى كۆرۈپ باقمىغاچقا، ئايروپىلان كېلىدىكەن دېسە، يەرلىكلەر ئايروپىلاننى كۆرگىلى كېلەتتى. ئۇلار بىزنى <تىراكتورچى> دەپ ئاتايتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزەرىدە تىراكتور ھەيدەيدىغانلارنىڭ ئىناۋىتى يۇقىرى ئىدى››، دېدى فېي تەيكۈي.
كىچىك ئايروپىلان چوڭ ئايروپىلانغا ئالماشتۇرۇلدى
جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى باشقۇرۇش ئىدارىسى، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى 1985 – يىلى 1 – يانۋار رەسمىي تىجارەت باشلىدى. شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياسالغان ‹‹تۇپولېۋ – 154›› تىپلىق چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى سېتىۋالدى، فېي تەيكۈي شۇ چاغدا 48 ياشتا ئىدى. ‹‹ئون نەچچە ئادەم ئولتۇرىدىغان كىچىك ئايروپىلاننى ھەيدەشتىن 164 ئادەم ئولتۇرىدىغان <تۇپولېۋ – 154> تىپلىق ئايروپىلاننى ھەيدەشكە ئالماشتىم››، دېدى فېي تەيكۈي.
شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى 1989 – يىلى 28 – ئىيۇل ئۈرۈمچى – ئالمۇتا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تەسىس قىلدى. بۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن شىنجاڭدا تەسىس قىلىنغان تۇنجى خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىدى.
شىنجاڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى بىلەن، پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشى بارغانسېرى قولايلاشتى. 2014 – يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى 46 ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى شىنجاڭغا قاتنايدىغان بولدى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 184ى تەسىس قىلىنىپ، 15 دۆلەتتىكى 81 شەھەرگە ئايروپىلان قاتناپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندى.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved