گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل جۇڭگودىكى زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى

جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغىمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى، بۈگۈندىن باشلاپ گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولماقچى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل 6-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گېرمانىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ نۆۋەتتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تولۇق. بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاپ قېلىش مىركىلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى مەقسىتىنىڭ بىرى، بىراق ئىقتىساد بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم تېمىسى.


گېرمانىيە ئاۋازى تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى مىركىلغا ئوخشاش جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن بۇنداق قويۇق ئۇچرىشىپ باقمىدى. مىركىلنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك كارخانىلار ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەمراھ بولىدىغان بولۇپ، ئىقتىساد بۇ قېتىقى زىيارەتنىڭ مۇھىم تېمىسى قىلىنىدۇ.


گېرمانىيە ئاۋازى تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ گېرمانىيە ئىقتىسادىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. گېرمانىيە ئامېرىكا ۋە ياۋرودىن سىرت باشقا دۆلەتلەر بىلەن بۇنداق قويۇق ئىقتىسادىي ئالاقا ئورنىتىپ باققىنى يوق. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىپ گېرمانىيە كارخانىلىرى، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل ۋە ياسىمىچىلىق كەسپى كەڭ دائىردە نەپكە ئېرىشتى. گېرمانىيەمۇ بۇ قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى.
گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىردە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان بولۇپ، مىركىل ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ بىر يادرولۇق تېما ئىكەن. ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز ئارا بېرىش كېلىشىنىڭ بۇنداق كۆپىيىشىدىن قارىغاندا، ئۆز ئارا ياخشى قاراشتا ئىكەن.
گېرمانىيە ئاقىللار ئامبىرى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ھىرمان مۇنداق دېدى: گېرمانىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىنتايىن يېتەرلىك بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاش مىركىلنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەت بولۇشدىكى مەقسىتىنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب – ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى ئۆز ئارا تولۇقلاش خاراكتېرىگە ئىگە. ھىرمان مۇنداق دېدى: گېرمانىيەنىڭ ماشىنىسازلىق، خىمىيە ئىلمىي ۋە ئېلېكترون قاتارلىق ساھەلەردىكى مەھسۇلاتى جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى سانائەتلىشىش باسقۇچىغا كېرەك، جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان ئىستېمال بۇيۇملىرى گېرمانىيەدە ئىنتايىن قارشى ئىلىندى.


مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقى يەككە يول بىلەن ئىلىپ بېرىلمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن جۇڭگو كارخانىلىرى گېرمانىيەگە مەبلەغ سالدى. ھىرمان مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپا رايونىغا مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى جۇڭگو مەبلىغىنى تالىشىشمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى.


فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا: مىركىلنىڭ بۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتى، ئۇ 2005-يىلى گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى بولغاندىن بۇيان جۇڭگوغا قىلغان يەتتىنچى قېتىمقى زىيارىتى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق گېرمانىيە بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت ئېكسپورت جەھەتتە كۈچلۈك بولغان بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشنى ئۈمىد قىلغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مىركىل كۆپ قېتىم، جۇڭگوغا ئوخشاش نوپۇسى كۆپ دۆلەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كرىزىسىگە ئۇچرىغان ياۋروپانىڭ تەرەققىيات ئۈستىدە تىرىشىشى ۋە ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەكلىكىنى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن يەر شارى بازىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئامېرىكىدا چىقىدىغان نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: مىركىل گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى بولغاندىن بۇيان، ئۇ ۋە گېرمانىيەنىڭ كارخانا ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو بىلەن مۇقىم بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتى. مىركىلنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىتى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشدەك ئالتۇن ئون يىلىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. گېرمانىيە كارخانا ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشىغا بولغان ئىشەنچىسى ياۋروپادىكى كەسىپداشلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى.


ئۇندىن باشقا، خەلقئارا تاراتقۇلارمۇ، مىركىلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ زور خەلقئارا ۋە رايون مەسلىلىرىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا دىققەت قىلماقتا. گېرمانىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە ھەر قانداق زور خەلقئارا مەسىلىلەردە، جۇڭگو مۇھىم رول ئوينىماقتا. خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى مەسىلىلەردە گېرمانىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى.



خەتكۈچلەر:
07-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek