CarPlay مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەر بىۋاستە تاۋۇش ئارقىلىق ئاپتۇمۇبىلنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرى ۋە يانفۇن خەۋەرلىشىشنى كونتىرول قىلالايدۇ.
يېقىندا ئالما شىركىتىiPhone ئابۇنىتلىرى ئارىسدىكى ئاپتۇمۇبىل ھەيدىگۈچلەرنى تېخىمۇ بىخەتەر،ئەقلى ئىقتىدارلىق ۋە قىزىقارلىق ھەيدەش تۇيغۇسىى بىلەن تەمىنلەشنى مەخسەت قىلغان« CarPlay» مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ئالدىدا تۇرۋاتقانلىغىنى ئېلان قىلدى.بۇ سېستىما ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۋاتقان جەنۋە ئاپتۇمۇبىل كۆرگەزمىسىدە سىرتقى دۇنيا بىلەن رەسمى يۈز كۈرۈشدىكەن شۇنداقلا ئاۋازلىق پاراڭلىشىش،يول باشلاش،مۇزىكا قۇيۇش ۋە ئاۋاز ياكى ئۇچرىشىش شەكلى ئارقىلىق ئۇچۇر قۇبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.خەۋەردە كۆرستىلىشچە، CarPlay سېستمىسى ئاپتۇمۇبىلنىڭ ئەسلى ئاپتۇمۇبىل كۆرسىتىش كۆرۈنمە يۈزدىن پايدىلنىپ ئىجرا بۇلدىكەن،ياكى ئىشلەتكۈچلەر رولدىكى ئاۋاز ئارقىلىق كونتىرول قىلىش كۇنۇپكىسنى ئۇزاق بېسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق Siri ئىقتىدارنى قوزغاتسىمۇ بۇلىدىكەن،بۇنىڭ بىلەن ئاپتۇمۇبىل ھەيدەش جەريانىدىكى بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە يۇقىرى بۇلىدىكەن.
![]() |
بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى تور بېكىتى 19-ئاپرېل مۇنداق خەۋەر بەردى: تويۇنۇپ كەتكەن جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرى نۆۋەتتە كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.
«چوڭ كولا» يان تېلېفون شىركىت...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved