يەرشارى مىقياسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاۋاتقان ۋەزىيەت ئاستىدا، ھىندىستان بازىرىدىكى يانفونلارنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئەكسىچە %21.4 ئېشىپ، بازار ئېھتىياجى نىسبەتەن تويۇنۇپ بولغان باشقا رايونلاردىن يۇقىرى تۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىلار بەس-بەستە ھىندىستان بازىرىغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان. IDC ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، ھەممىلا جايدا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدىغان ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى سېتىلىش ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى ئەمەسكەن، ھازىر ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى بازار ئۈلۈشى ئاران %0.9 بولۇپ، رەت-تەرتىپتە 18-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ ھىندىستاندىكى يانفون بازىرىنىڭ %24 ىنى ئىگەللەپ، 1-ئورۇندا تۇرغان. 2- ۋە 3-ئورۇندا تۇرغانلىرى ھىندىستاننىڭ يەرلىك يانفون ماركىسى بولۇپ، بۇلاردىن قالسا، لىيەنشىياڭ يانفونلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى سېتىلىشىمۇ خىلى يامان ئەمەسكەن. ھىندىستان يانفون بازىرىدا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان يانفونلارنىڭ باھاسى 150 دوللاردىن تۆۋەن بولۇپ، سامسۇڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان Galaxy Grand Prime ۋە Galaxy J2 قاتارلىق يانفونلار دەل مۇشۇ جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن.
ئايفوننىڭ ھىندىستاندا تۈزۈك بازار تاپالماسلىقىغا ئۇنىڭ باھاسىنىڭ بەكلا قىممەت بولغانلىقى سەۋەبچى بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھىندىستان بازىرىدا ئىقتىدار-باھا نىسبىتى يۇقىرى يانفونلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ئىگەللىنىشىچە، 16GB لىق iPhone 6s نىڭ ھىندىستاندىكى باھاسى خەلق پۇلىغا 6057 يۈەنگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ باھا ئۇنىڭ خەلقئارالىق نۇسخىسى (5288 يۈەن) دىن خىلىلا يۇقىرى ئىكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved