تۈركىيەدىكى بېقىۋالغان قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئوقۇتقۇچى قولغا ئېلىندى

تۈركىيەنىڭ ئادانادا بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ بېقىۋالغان قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان. لېكىن پەقەت سۆيۈشتۇق ، باشقا ئىش قىلمىدۇق دەپ تۇرۋالغان. 58 ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى 12 يىل بۇرۇن پاراۋانلىق ئورنىدىن تۆت يېرىم ياشلىق بىر قىز بالىنى ئېلىپ كېلىپ بېقىۋالغان بولۇپ، كىچىككىنە قىزغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان ھەمدە بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان. 16 ياشقا كىرگەن بۇ قىز ئاخىرى بولماي ھەقىقىي ئەھۋالنى ساۋاقداش قىزلارغا ئېيتقان.

دوستىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بويىچە ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرى تېلفۇنىدا سىنگە ئالغان ۋە ئۇنى ئاچىسىغا كۆرسەتكەن. ئۇ قىزنىڭ ھەقىقىي ئاپىسىنىڭ سوتقا ئەرز سۇنۇشى بىلەن بۇ دېلو باشلانغان.

ئەسلىدە بېقىۋالغۇچى ئوقۇتقۇچى دادىنىڭ بۇ قىزغا بولغان پەسكەشلىكى ئۇ قىز بەش ياشتا ۋاقتىدىلا باشلانغان بولۇپ، لېكىن ئۇ قىز ئۆزىنىڭ ھېچنېمىنى بىلمىگەچكە شۇ پېتى كېتىۋەرگىنىنى، 10 ياشقا كىرگەن يىلى بۇ ئىشنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ قېلىپ قارىشى تۇرغانلىقىنى، بۇ چاغدا دادىنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچراغانلىقىنى ھەتتا ئۇنى ئۇرۇپ زورلۇق قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ قىزنىڭ بىر نەچچە پارچە يالىڭاچ رەسىمنى تارتىۋالغان بۇ ئەخلاقسىز ئوقۇتقۇچى دادا ئەگەر بۇ ئىشنىڭ ئاشكارلىساڭ مەن سېنىڭ بۇ رەسىملىرىڭنى مەكتەپنىڭ تورىغا چىقىرىۋېتىمەن دەپ قورقۇتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقىلارغا دېيەلمەي نەچچە يىلنى ئۆتكۈزگەن. لېكىن سوتتا بۇ دادا ئەسلىدە بېقىۋالغان قىزىنىڭ ئۆزىنى ئازدۇرغانلىقىنى ئېيتقان. يەنى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن مېنى ئازدۇرۇپ پايدىلىنىش كويىدا بولغان دەپ تۇرۋالغان.

بۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بۇ جەھەتتە مەسىلىسى ئېغىر ئىكەن. مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ قېلىپ سىنىپتا جىنىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ تۈرغانلىقىنى ئېيتقان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار ئىكەن. ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بەزى ئائىلىلەر قىزلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەيدىغان بولغانكەن، ھەتتا ئۇ بىر قېتىم تاپانچا كۆتۈرۈپ سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا: «بۇ يەردە بولغان ئىشلارنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار» دەپ تەھدىت سالغان.

بۇ بىر قاتار بايانلاردىن كېيىن ساقچى تەرەپ ئەسلىدە 26 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلمەكچى بولغان بۇ ئوقۇتقۇچىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ دېلونى يەنە تەكشۈرمەكچى ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
13-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
     30-ئاپرېل، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ تولۇقلىما سايلىمىنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىسلاھاتچىلار روشەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ...
02-05-2016
     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ماي ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ساماۋا شەھىرىدە ئىككى قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈزبېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گ...
02-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە تاراتقۇسى بولغان «دەۋر گېزىتى» ۋە دۇنيا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (Cihan) دىكى 400 مۇخبىر «خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلىش»، «شىركەت ئوبرازىغا تەس...
02-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر، مالايسىيا خەلقى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا يىغىلىپ ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىبنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. ...
02-05-2016
يەمەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى شېيىخ ئەخمەدكە قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، يەمەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۇۋەيت تىنچل...
02-05-2016
    ئىران پرېزىدېنتى روھانىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گيۇنھى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ 1962-يىلى ئىككى دۆلەت دىپ...
02-05-2016
    ياپونىيە مېدىيەلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 30-ئاپرېل بېيجىڭ دىياۋيۈتەيدە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا سۆھبەتلەشكەن، فۇمىئو كىشى...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
Powered by Leglek