تۈركىيەنىڭ مانىسا ئۆلكىسى سوما رايونىدىكى بىر كۆمۈر كاندا 13-چېسلا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بۇلۇپ،نۆۋەتتە مەزكۇر ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 238ئادەمگە يەتتى،بۇندىن باشقا يەنە 386 ئادەم كان ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان بۇلۇپ قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرماقتا،80دىن كۆپرەك ئادەم يارلانغان.
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ ئىشخانىسى 14-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ دىيشىچە،13-چېسلا سومادىكى كان پارتىلاش ۋەقەسى ئۈچۈن ئۈچ كۈن ماتەم تۇتۇشنى جاكارلاپ مەملىكەت دائىرسىدە بايراقنى يېرىم چۈشۈرگەن.ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا،بۇ قېتىمقى پارتىلاشتا جۇڭگو پۇقراسىنىڭ بارلىقى بايقالمىغان.
پارتىلاش گىرىنۋىچ ۋاقتى 13چېسلا 12دىن30مىنۇت ئۆتكەندە تۈركىيەنىڭ مانىسا ئۆلكىسى سوما رايوندىكى بىر كاندا يۈز بەرگەن بۇلۇپ، بۇ جاينىڭ ئىستانبۇل بىلەن بولغان ئارلىقى 230كىلومىتىر كېلدىكەن.
خەۋەر قىلنىشچە،ۋەقە مەزكۇر كاننىڭ 150مىتىر چوڭقۇرلۇقدىكى كان قۇدۇقىدا يۈز بەرگەن بۇلۇپ ئەينى چاغدا ئىشچىلار ئىسمىنا ئالمىشۋاتقان ئىكەن.
تۈركىيە ئىنىرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئىردىسنىڭ ئېيتىشىچە،ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا 787 كان ئىشچىسى قۇدۇق ئاستىدا ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ھازىر ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاللىقاچان 238ئادەمگە يەتكەن بۇلۇپ، 386ئادەم قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرماقتا،80 دىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان بۇلۇپ بۇلارنىڭ ئارىسدا 4 نىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.ئۇنىڭ يەنە دىيشىچە،قۇدۇقتىن قۇتۇلۇپ چىققان كۆپلىگەن كىشلەر نەپەسلىنەلمەي يارلانغان ياكى كۆيۈپ يارلانغان.
ئىرىدىس مۇنداق دەيدۇ:‹‹بىزنىڭ ئەنسىرەيدىغنىمىز بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانىنىڭ يەنە ئېشىشى ....ھازىر مەسىلە بىزنىڭ مۆلچەرلىگنىمىزدىن كۆپ ئېغىرلىشىپ كەتتى،بۇ بەلكىم تۈركىيە تارىخىدا قازا قىلغانلار ئەڭ كۆپ بولغان كان پارتىلاش ۋەقەسى بۇلۇپ قېلشى مۇمكىن››
دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتلشىچە،سەپلەنگەن ئېلىكتىر ئۈسكۈنىسدىن كاشلا كۆرۈلۈپ پارتىلاشقا ئۆت يېقىپ بەرگەن.ئوت يانغان ئورۇننىڭ چوڭقۇرلىقى تەخمىنەن 2 كىلومىتىر بۇلۇپ قۇدۇق يولىنىڭ ئۇزۇنلىقى 4 كىلومىتىردىن ئاشىدىكەن.
كان رايوندىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى قاتتىق ھاياجاندا بۇلۇپ، بەزى كان ئىشچىلىرى كۆمۈر كېنىنىڭ شارائىتى ناچار دەپ ئاغرىنماقتا ،يەنە بەزى كان ئىشچىلىرنىڭ ئائىلە تاۋاباتى بەخىتسىزلىك خەۋرىنى ئاڭلاپلا ھوشىدىن كەتكەن.
كان پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن كۆپلىگەن جىددى مۇلازىمەت ئورگانلىرى نەخ مەيدانغا ئاتلىنىپ ياردارلارنى قۇتقۇزۇش ، قۇدۇقنى كۆتۈرۈش،قاپسىلىپ قالغان ئىشىچىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلغان.ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ چوڭقۇر ،كان يولىنىڭ ئۇزۇن بۇلشى تۈپەيلى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى كۆپ يۇقىرى بولماقتا.گەرچە جىددى قۇتقۇزۇش تارماقلىرى ئاللىقاچان ئوتنى ئۆچۈرۋەتكەن بولسىمۇ بىراق قۇدۇق ئاستىدىن ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان قۇيۇق ئىس-تۈتەك ئەڭ چوڭ خىرىس بۇلۇپ قالدى.
بىر نەپەر قۇتقۇزغۇچى خادىمنىڭ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقنىڭ مۇخبىرغا سۆزلەپ بىرشىچە،قۇدۇق ئاستىدا كۆپلىگەن ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۆيى لايھەلەنگەن بۇلۇپ،بىرىنجى مۇداپىئە ئۆيىنىڭ تۇتۇشىش يولى ئېچىلىپ بولغان،قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھازىر مۇداپىئە ئۆيدىكى قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلارنى قۇتقۇزسا بۇلدىكەن.بىراق ئىككىنجى مۇداپىئە ئۆيى تۇسۇلۇپ قالغان بۇلۇپ، يەنىلا كۆپلىگەن ئىشچىلار قاپسېلىپ قېلىغلىق ئىكەن.
نەخ مەيداندىكى مۇخبىرنىڭ بايان قىلشىچە،بىرقىسىم ئىشچىلار كان يولىدىن مېڭىپ چىقۋاتقان بۇلۇپ، بەزىلىرى باشىقىلارنىڭ يۆلشىگە مۇھتاج ئىكەن، كان يولىنىڭ سىرتىدا دوختۇر-سىستىرالار يەنە بىر قىسىم كان ئىشچىلىرغا ئوكسىگىن ماسكىسى تاقاپ قويماقتا ئىكەن.
كۆپلىگەن ئىشچىلاردا قۇتقۇزۇلۇپ چىققاندىن كىيىن نەپەسلىنشى قىينلىشىش ۋە يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. بۇندىن باشقا نەخ مەيداندا نەچچە يۈزلىگەن كان ئىشچىلىرنىڭ ئائىلە تاۋاباتى قېرىندىشنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرۇشماقتا .
ئىردىسنىڭ دىيشىچە تەخمىنەن 400 ئادەم قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان بۇلۇپ،بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاساسلىقى نەپەسلىنىشتىن قىينىلىش ياكى كاربون ئىككى ئوكسىدتىن زەھەرلىنىشتىن جان ئۈزگەن.قۇتقۇزۇش خادىملىرىمۇ ئوخشاشلا ئوت كىتىش ۋە كاربون ئىككى ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەت تايىب ئەردوغاننىڭ ئىسخانىسى 14 -چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ،ئۇلارنىڭ 13-چېسلا سومادىكى كان پارتىلاش ۋەقەسى ئۈچۈن ئۈچ كۈن ماتەم تۇتۇپ مەملىكەت دائىرسىدە بايراقنى يېرىم چۈشۈردىغانلقنى جاكارلىغانلقنى ئېيتتى. ھەمدە باش مىنىستىر ئەردوغان ئالبانىيەگە بولغان زىيارىتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيدانغا يىتىپ كەلگەن.
ئەردوغان ۋەقە يۈز بەرگەن كاننى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كىيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغنىدا سۆز قىلىپ:‹‹دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاسااسلانغاندا،بىزنىڭ 238نەپەر كان ئىشچىمىز ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 8- دىن كۆپرەك ئادەم يارلاندى››
ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە:‹‹بىز يۈز پىرسەنىت مۇقىملاشتۇرالمايمىز ،بىراق كۆمۈر كان شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،ئېھتىمال 120ئادەم قاپسېلىپ قالغان››.
بۇندىن باشقا تۈركىيە پىرىزدېنىتى ئابدۇللا گۈلمۇ زىيارەت كۈن تەرتىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋەقە يۈز ەرگەن نەخ مەيدانغا يىتىپ كەلگەن.
ئىرىدىسنىڭ ۋەدە بىرىشىچە ، ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى ھەرگىزمۇ ‹‹كۆرمەسكە سېلىپ ›› ئۆتكۈۋەتمەيدۇ، سىياسىي ۋە قانۇنى ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بارچە تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.
بۇندىن باشقا بىر قىسىم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئىستانبۇل،ئىزمىر،ئەنقەرە،ئاناتولىيە قاتارلىق 9 شەھەردە نامايىش قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ كۆمۈر كان بىخەتەرلىك تەكشۈرشىگە سەل قارغانلىقىغا قارىتا نارازلىقنى بىلدۈرگەن.ھەمدە ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرشنى تەلەپ قىلغان.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېلان قىلغان بىر پارچە كان ئىگسى ‹‹سوما كاپتالى ››نىڭ باياناتىدا دىيلىشىچە،ھازىرقى باسقۇچتا قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش بىرىنجى مەسىلە بۇلۇپ، كان سودىگەرلىرى ئىككى ئاي ئىلگىرى بۇ كانغا قارىتا بىر قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرشى ئېلىپ بارغان ئىكەن.
‹‹سوما كاپتالى ›› بۇھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ بەخىتكە قارشى بولغىنى بىزنىڭ ئىشىچىللىرىمز بۇ قېتىمقى تىراگىديەلىك ۋەقەدە قازا قىلىپ كەتتى. گەرچە بىز ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان بولساقمۇ بىراق ۋەقە يەنىلا يۈز بەردى››.
تۈركىيەدە كان پارتىلاش ياكى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىدۇ.بۇلۇپمۇ كۆپلىگەن كان ھادىسلىرى بىخەتەرلىك تۈزۈلمىسنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقدىن كېلىپ چىققان.تۈركىيەنىڭ زۇڭگۇرداك ئۆلكىسدىكى بىر كان قۇدۇقىدا 1992-يىلى پارتىلاش يۈ بېرىپ 263 ئادەم قازا قىلغان ئىدى. بۇ تۈركىيە تارىخىدىكى قازا قىلغانلار سانى ئەڭ كۆپ كان ۋەقەسى ھېسابلىناتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved