جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
تۈركىيەدە چىقىدىغان ئەركىنلىك گېزىتىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى قوراللىق كۈچلىرىنى مەشق قىلدۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن 40 ئەسكىرى تۈركىيەگە يېتىپ بارغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى شىرفەن ھەربىي لاگىرىغا يېتىپ بارغان. ئۇلار ئون كۈن ئىچىدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى قوراللىق تەشكىلاتىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىدىكەن، خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ تەخمىنەن 400 خادىمى مەشق قىلدۇرۇلىدىكەن ۋە قوراللاندۇرىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved