ئىراننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يادرو سۆھبىتى باشلىنىش ئالدىدا، ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي 21-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئىران ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى بەك ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنداقلا سۆھبەتكە قاتناشقۇچى باشقا تەرەپلەرنىڭمۇ ئوخشاش ئارزۇدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
روھانىي تېھراندىن ھىندونېزىيەگە بېرىپ ئاسىيا–ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش بولماقتا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتتە ئارزۇسىنى نامايان قىلىپ، ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ پىرىنسىپى ۋە تەپسىلاتىنى بېكىتىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت بىر ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ئىران بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونى ھەتتا پۈتكۈل ئاسىيانىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
![]() |
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 22-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىر ھەپتىلىك ئاسىيا قىتئەسى سەپىرىنى باشلىغان بولۇپ، ۋيېتنام ۋە ياپونىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن.
خە...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 22-ماي، بىرمىنىڭ نايپىيداۋ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاپىتى كېررېي بېرمىغا زىيارەتكە كېلىپ، بېرمىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭسان سۇكىي بىلەن كۆرۈشتى.
|
![]() |
«يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى 14-نۆۋەتلىك قازاقىستان-جۇڭگو تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئالمۇتا شەھىرىدە باشلاندى.
بۇ قېتىمقى كۆرگ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved