5-دېكابىر، ئۈرۈمچى دوستلۇق يولىدىكى بىر تاللا بازىرىدا شۈ چىڭ(ئوڭدا) شەھەر ئاھالىلىرىگە راست-يالغان تۇزنى قانداق ئايرىشنى ئۆگەتمەكتە
مۇخبىرنىڭ 5-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇز ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىش ۋە «ئاشتۇزى بازىرى قويۇۋېتىلىپتۇ» دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەر تەسىرىدە، بۇ يىل باشقا ئۆلكىلەردىن شىنجاڭ بازارلىرىغا ئېقىپ كىرگەن سانائەت تۇزى كۆپەيگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۇزغا ئالاقىدار دېلولارنىڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ساختا ۋە ناچار تۇزلارنى ياساش، سېتىش دېلولىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى ئېنىقلانغان.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىنقى بىر ئىككى ئاي ئىچىدە بەشتىن كۆپ مۇشۇ تۈرلۈك دېلونى تەكشۈرۈپ، 200 توننىدىن كۆپ ساختا ئاشتۇزىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ تۇزلار ئاساسەن شەھەر-يېزىلار تۇتاشقان ئورۇنلار ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىدا سېتىلغان، يەنە بىر قىسمى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىغا ئېقىپ كىرگەن.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇلتۇز دەرىجىلىك تۆت مېھمانساراينىڭ ئاشتۇزى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتا چەك تارتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بىراق، نەتىجىدە ھەممىىسىلا لاياقەتسىز بولۇپ چىققان.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved