سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن يەمەن ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن ۋاقىتلىق پايتەخت ئادېن شەھىرىنى قايتۇرۇۋالدۇق دەپ جاكارلىدى. يەمەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى باخا باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئىككى كۈنلۈك جەڭ ئارقىلىق ئادېن شەھىرى 17-ئىيۇل پۈتۈنلەي ئازاد قىلىندى، بۇ بىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئازاد قىلىشىمىزدىكى تۇنجى قەدەم. ئادېن شەھىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى ئۈلۈشكۈن كەچتە مۇنداق دېدى: يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنى قوللايدىغان نەچچە مىڭ قوراللىق خادىم يېقىندا ئادېن شەھىرىدىكى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاش ئۈچۈن، پارس ئەللىرىدە مەشىقلەندى. ھازىر پايتەخت سانانى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەمەننىڭ زور كۆپ قىسىم رايونى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved