مۇخبىرنىڭ 13-چېسلا خەيلۇن شەھەرلىك ھۆكىمەتتىن بىلىشىچە ، بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 3:17 مىنۇت ئۆتكەندە ، خېكەيدىن خاربېنغا قاراپ ماڭغان K7034قېتىملىق يۇلۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن ، ۋەقە 15 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلۇپ ، ياردارلار ئاللىقاچان دوختۇرخانىغا ئاپېرىلىپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلماقتا.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن ،خاربىن شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى ۋە يەرلىك ھۆكىمەت رەھبەرلىرى ، جامائەت خەۋىپسىزلىك ، ئوت ئۆچۈرۈش ، دوختۇرخانا ،بىخەتەرلىكنى كۈزىتىش قاتارلىق تارماقلارنىڭ خادىملىرى نەخ مەيدانغا ئاتلىنىپ جىددى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان . ياردارلارنى قۇتقۇزۇش ، يۇلۇچىلارنى يۆتكەش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددى داۋاملاشماقتا ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ .
تورداشلار ۋەقەنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن
تورداش@ ۋېنزى ‹‹پاشا ›› ئەمەس نىڭ ئېيتىشىچە ،خاربىننىڭ K7034قېتىملىق پويىزى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كەلگەندە پويىز باش قىسىمى قىيسايغان ، تەخمىنەن 9-،10-،11- ۋاگوندىن باشلاپ تا پويىز بېشىغىچەبولغان يۈنلىشتە قىيسايغان . ئەينى ۋاقىتتا سائەت 3:15مىنۇت ئۆتكەن بۇلۇپ ، ئۇ 7- ۋاگوندا ئىكەن ، ھازېر پويىز رېلىستىن چىقىپ كەتكەن ھالەتتە بۇلۇپ ، يۇلۇچىلار رېلىستىن چىقىپ كەتمىگەن ۋاگونلارغا يۆتكىلىپ قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرماقتا .
ئىگەللىنىشىچە 9-،10- ۋاگون بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە رېلىستىن چىقىپ كىچىك يانتۇلۇقتىن چۈشۈپ كەتكەن ، 11-،12-،8-،7-،6-ۋاگونلار بولسا ئېغىر دەرىجىدە رېلىستىن چىقىش ھالىتىدە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار
K7034 قېتىملىق پويىز بولسا خېكەيدىن خاربېن شەرقي ۋوگىزالغا قاراپ ماڭغان يېڭى ھاۋا تەڭشىگۈچلىك تېز سۈرەتلىك پويىز ئىكەن ، ئومۇمى بېسىش مۇساپىسى 636كىلومىتىر بۇلۇپ 12 سائەت 19 مىنۇت سەرىپ قىلىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved