لەگلەك تورى تەرجىمىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى جاكارتادا ياپۇنىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى بىلەن كۆرۈشتى. ھەمدە جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى چوڭ پىرىنسىپى بولسا جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججەتنىڭ روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.ئۆتكەن يىل ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن تۆت پىرىنسىپ بۇ ئىدىيەنى ئىپادىلەيدۇ.تارىخى مەسىلە جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى سىياسىي ئاساسىغا ئالاقىدار چوڭ پىرىنسىپ مەسىلىسى.ياپونىيەنىڭ ئاسىيا قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ سەمىمىيتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى، سىرتقا تارىخقا توغرا قارىغان ئاكتىپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى تەرەپ ئاكتىپ سىياسەتلەرنى يولغا قۇيۇشى كىرەك.بىز ياپونىيە بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىشنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياپونىيە تۆتىنچى سىياسىي ھۆججىتىدىكى « جۇڭگو-ياپونىيە بولسا ھەمكارلىق شېرىكى، ئۆز-ئارا تەھدىت سېلىشمايدۇ. » دېگەن ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ كەڭرى بولغان. ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.بىز ياپونىيە بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىشنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياپونىيە تۆتىنچى سىياسىي ھۆججىتىدىكى « جۇڭگو-ياپونىيە بولسا ھەمكارلىق شېرىكى، ئۆز-ئارا تەھدىت سېلىشمايدۇ. » دېگەن ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ كەڭرى بولغان. ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز.ئىككى تەرەپ ھەر قايسى ساھەدىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.جۇڭگو تىنچلىق ئاساسىدىكى تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ. ياپونىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق ئاساسىدىكى تەرەققىيات يولىدا مىڭىپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قۇشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىنزو ئابى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكدىن خۇشال بولغانلىقنى، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشنى ئۈمىد قىلدىغانلىقنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى سىياسىي ئاساسىغا ئالاقىدار چوڭ پىرىنسىپقا ۋە ئۆز-ئارا تەھدىت سالماسلىىققا تامامەن قۇشۇلىمەن.جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىقياپونىيە ئاسىيا رايونىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىشتىكى زور ئېھتىياجىنى تونۇپ يەتتى. ياپونىيە جۇڭگو بىلەن ئاسىيا ئاساسىي ئەسلىھە مەبلەغ بانكىسى مەسلىسدە تەكشۈرۈش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى خالايدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved