رېيتىر ئاگېنتلىقى 4-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: كورىيەدە Moon تەرىقىتى ئەزاسى بولغان 3 مىڭ 800 نەپەر جۈپ كىشى، تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ توي قىلدى.
كورىيەدىكى بىرلەشمە چېركاۋ باش مەركىزىدە كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. چېركاۋنىڭ قۇرغۇچىسى Sun Myung Moon نىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۈچىنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن كوللىكتىپ توي مۇراسىمىدا، بىر خىل كىيىم كىيگەن 3 مىڭ 800 نەپەر جۈپ كىشى ئۆيلەندى.
تەنتەربىيە مەيدانىدىكى مىڭلارچە كىشى قاتناشقان توي مۇراسىمى، 1954-يىلىدا Moon دىگەن كىشى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خرىستىئان چېركاۋىنىڭ ئەنئەنىلىرىدىن بىرى. چېركاۋنىڭ نىكاھ مۇراسىمى 1960 تىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. 1997-يىلى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن كوللىكتىپ توي مۇراسىمىغا 30 مىڭ جۈپ كىشى قاتناشقان بولۇپ، 2 يىلدىن كېيىن كورىيە پايتەختى سىئولدىكى ئولىمپىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا تەخمىنەن 21 مىڭ جۈپ قاتناشقان.
Moon تەرىقىتى مۇرىتلىرى تەرىپىدىن زور دەرىجىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان Sun Myung Moon ، Moon چېركاۋىنىڭ رەھبىرى ۋە قۇرغۇچىسى بولۇپ ، بۇرۇن مەلۇمات يۆتكەش جىنايىتى بىلەن ئامېرىكىدا تۈرمە جازاسىغا ئۇچرىغان ئىدى. بىرلەشمە چېركاۋنىڭ ئۈگۈتلىرى ئىنجىلغا يېڭى ئىنكاسلار قوشقان بىر ئۇقۇمغا تايىنىدۇ.
Moon ئۆزىنى ھەزىرتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيادا يېرىم قالغان ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ئىنسانلارنى گۇناھسىز ساپلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى داۋا قىلىدۇ. بۇ چېركاۋ ئۆز مۇرتلىرىنىڭ سانىنى 3 مىليۇن ئەتراپىدا دەپ قارايدۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىستاستىكىسىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئاز.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved