خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئىئوردانىيىنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 24-دېكابىر سۇرىيەنىڭ لاكا رايونىغا چۈشۈپ كەتتى .
رادىكال تەشكىلات ئىسلام خەلىپىلىكى ئايروپىلاننى ئۆزلىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ۋا ئۇچقۇچىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېيتتى .
ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شىتابى ئارقىدىن بۇ كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئىسلام خەلپىلىكىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرمىگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئىسپات بارلىقىنى بىلدۈردى .لېكىن ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شىتابى ئىسپاتنى ئاشكارىلىمىدى .سۈرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان روسىيە ئىشلەپ چىقارغان كونا تىپتىكى باشقۇرۇلدىغان بومبا تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن بۇلۇپ ،باشقۇرۇلدىغان بومبا لاكا شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر تاغدىن ئېتىلغان .
سۈرىيە تەرەپ يەنە رادىكال تەشكىلات ئىشلەتكەن ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىندىغان باشقۇرۇلدىغان بومبىنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچى قوراللىقلىرى سۈرىيە ئەركىنلىك ئارمىيىسىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى .
25-دېكابىر كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇچقۇچىسى مائاز كاساسبىنىڭ دادىسى تاراتقۇلارغا ئوغلىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ، ۋە ئىسلام خەلپىلىكىدىن ئوغلىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ۋە ئۇنى قۇيۇپ بېرىشنى ئۆتۈندى .تۇتقۇن قىلىنغان ئۇچقۇچىنىڭ دادىسى ئوغلۇم ھازىر ئىسلام خەلپىلىكىنىڭ قولىدا ،مەن ئوغلۇمنى تۇتقۇن دەپ ئاتاشنى خالىمايمەن ›دېدى .
ئۇ يەنە :‹ مەن ئوغلۇمنى ئۇ يەرگە مېھمان بۇلۇپ باردى دېيىشنى خالايمەن ،ئۇ ئىسلام خەلپىلىكىنىڭ سۈرىيەدىكى بۇرادەرلىرىنىڭ مېھمىنى .مەن ئاللاھنىڭ نامى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوغلۇمغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى ئۆتۈنىمەن ›دېدى .
24-دېكابىردىكى كۈرەشچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن كۆرۈنۈشتە ئۇچقۇچىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى .سۈرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا قوراللىقلار ئىككى لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇلۇپ ئۇنىڭ بىرى تۇتقۇننى ئۆلتۈرۈش يەنە بىرى بۇ تۇتقۇن بىلەن تۇتۇلغان ئۆزلىرىنىڭ بىر ئادىمىنى ئالماشتۇرۇش ئىكەن .
شۇ كۈنى ئىئوردانىيە تاراتقۇلىرى ئېئوردان قوراللىق قىسمى ئېلان قىلغان بايانتنى نەقىل كەلتۈرۈپ ،ئېئوردانىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بۇ كۈرەشچى ئايروپىلاننى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سۈرىيە لاكا رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا چۈشۈپ كەتكەن دېدى .
ئىئوردانىيە ھەربىي تەرەپ باياناتىدا ئۇچقۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە تۇتقۇننى تېزدىن قۇتقۇزدىغانلىقىنى بىلدۈردى .بۇ يىل ئىيۇندا ئىسلام خەلىپىلىكى ئىراقنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسىم شۇنداقلا سۇرىيەنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى زېمىنى ئىگىلىدى .
ئامېرىكا 10 سېنتەبىر ئىسلام خەلپىلىكىگە سىستېمىلىق ھاۋا ھۇجۇمى قىلىدىغانلىقىنى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام خەلپىلىكىگە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى تەشكىللەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى . ئىئوردانىيە ،سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلپىكى قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتناشتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved