خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە-ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى (NASA) نىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھىندىستاننىڭ ‹‹مانجاليان ›› ناملىق مارسنى تەكشۈرگۈچىسى ‹‹ مارسنىڭ ئاتموسفىرا قاتلىمى›› ناملىق 2-پارچە سۈرەتنى ئەۋەتكەن . ئەتىگەندىلا ، ‹‹مانجاليان ›› ناملىق مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 7300 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىن مارسنىڭ تۇنجى پارچە سۈرىتىنى ئەۋەتكەن .
ھىندىستاننىڭ تۇنجى مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ‹‹مانجاليان ›› 24-سېنتەبىر مارس ئوربېتىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگەن . ھىندىستان بۇنىڭ بىلەن ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشتىكى ‹‹ قەھرىمانلار كۇلۇبى ››غا كىرىپ ، مارس ئوربېتىسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دۆلەتكە ئايلاندى .
تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېغىرلىقى 1350 كىلوگىرام بولۇپ، فوتوئاپپارات ، تەسۋىر ھاسىل قىلغۇچ سپېكتروسكوپ ، مېتان ئىندۇكتور قاتارلىقلارنى ئېلىۋالغان ، مۆلچەر بويىچە مارس ئوربېتىسىدا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئاي يۈرەلەيدىكەن ، ئاساسلىقى مارس يۈزىنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مارس ئاتموسفىراسىنى ‹‹سېكانىرلاپ ›› ، مارستا ھاياتلىقنىڭ ئۆزگىرىشى جەريانىدىكى ھالقىلىق ماددا مېتاننىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىكەن .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved