شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىستانبۇل تېلىگىراممىسى1-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا 1-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە خەلق ئاممىسى بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشۇپ قالغان ھازىرغىچە 136 ئادەم قولغا ئېلىندى.
ئىستانبۇلدىكى نەچچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەلئارا تەشكىلاتلار كۆپ ئادەمنى سەپەرۋەر قىلىپ ئىستانبۇل شەھەر مەركىزىدىكى نۇرغۇن يول ئېغىزىدا توپلىشىپ، بايراقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىپ، شەھەر مەركىزى <تاكسىم مەيدانىغا> قاراپ يول ئالدى.
تۈركىيە ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ «1-ماي» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندە <تاكسىم مەيدانىغا> كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى شەھەردىن 20 مىڭ ساقچى ئىستانبۇلغا يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، يول ئبغىزلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ توپىلاڭدىن مۇداپىئەلىنىش، زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
ساقچىلار ياش ئاققۇزىدىغان گاز ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈگۈچنى ئىشلىتىپ توپلىشىۋالغانلارنى تارقىتىۋەتتى.
<تاكسىم مەيدانى> — ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەر مەركىزى، ئىلگىرى سىياسىي ئېتراز بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم سورۇنى ئىدى. 2013-يىلى يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەرقانداق شەكىلدىكى كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش مەنئى قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved