خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى كېيىن قانداق ھەرىكەت قوللىنىدۇ؟

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى، شۇنداقلا خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن تەشكىللەنگەن ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى يېقىندا پارىژدا ئاياغلاشتى. يىغىندا ھەم ئون ئايغا يېقىن داۋاملاشقان، ئەمما ئانچە چوڭ ئۈنۈم بەرمىگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەلمىدى، ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى ھەرىكەت ھەققىدىمۇ كونكرېت لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. ‹‹مەغلۇپ بولۇش›› بۇ قېتىملىق يىغىندىكى ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ قالدى.
خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى بۇلتۇر 9 – ئايدىن باشلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داغدۇغىلىق قوزغاپ، ھەرخىل ئىلغار سوقۇش ئايروپىلانلىرىنى كەينى – كەينىدىن ئىشقا سېلىپ، ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن 4000 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلدى. ھالبۇكى، ئارىدىن ئون ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالمىدى. ئەكسىچە، مەزكۇر رادىكال تەشكىلاتنىڭ بەزى غەرب ئەللىرىدە قوزغىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلارغا زور تەھدىت سالدى ۋە ئۇلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ قويدى.
ئىراق زۇڭلىسى ئابادى پارىژ يىغىنىدا ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى قىلچە يوشۇرماستىن، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ ئون ئايغا يېقىن داۋاملاشقان ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتتى. فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىئۇسنىڭ تەن بەرگۈسى كەلمىسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى، ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، ئىراقنىڭ رەمادى ۋە سۇرىيەنىڭ تېدموردىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم بازىرى ئارقا – ئارقىدىن قولدىن كېتىپ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا قارشى ئالدىنقى سەپ ئارقا – ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى. ئەمما دەل مۇشۇ چاغدا، غەرب ئەللىرى بۇ تەشكىلاتقا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، ئىراق ۋە سۇرىيە ئارمىيەلىرىنى ئاكتىپ ھەم تەشەببۇسكار بولمىدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئىراق بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشتە، يالغۇز ئىراقنىڭ كۈچىگىلا تايىنىشقا بولمايدۇ، دېدى.
‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتتى. ئىلگىرى ناھايىتى ئاكتىپ ھەرىكەت قوللانغان غەرب ئەللىرى ئاكتىپلىقىنى يوقىتىپ قويدى. ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىلىرى بولسىمۇ، ئۇزاققا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇش ئۇلارنىمۇ ھالسىرىتىپ قويدى. فىرانسىيە لىۋىيە بىلەن مالىدا قوشۇن تۇرغۇزدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېررورچىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسا بولمايدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا ماجالى قالمىدى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئاۋانگارتى بولغان ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىم ئەۋەتىپ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە ھازىرغىچە تىلىنى چايناۋاتىدۇ.
فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى پيېر كونېسسا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋالدا، غەرب ئەللىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشقا يەڭگىللىك بىلەن ئارىلىشىپ قالسا، زىيان تارتىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى چوڭ دۆلەتلەر تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك.
ئەمما ئۇ نەزەردە تۇتقان بۇ دۆلەتلەرمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالدى، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندىكى قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالدى؛ قاتارنىڭ ھەربىي كۈچى يېتىشمىگەچكە، ھاۋا ھۇجۇمىغا ئىككىلا ئايروپىلان چىقىرالىدى. ئېنىقكى، غەرب سۆزلىشىشنى رەت قىلغان ئىران بىلەن سۇرىيە قاتناشمىسا، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىدا ئېنىق ھەم مۇكەممەل ئىستراتېگىيە كەمچىل، بەزى ئەزالار تېخى چوت سوقۇپ يۈرىدۇ. مانا بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ‹‹مەغلۇبىيىتى››، ھېچبولمىغاندا ‹‹ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش››نىڭ سەۋەبى. كۆپ ھاللاردا، غەربنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى زىت بولۇپ كەلدى، يەنى ئۇلار قوش ئۆلچەم قوللاندى ھەم جانلىق بولمىدى. سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىم يېقىندا غەرب دۆلەتلىرى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ رادىكال تەشكىلاتنى ئىقتىسادىي ياردەم، قورال – ياراغ ۋە ئارقا سەپ ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەنقىدلىدى. ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيەسىدىن چىقىش قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ئۆزى بەلگىلەپ، رۇسىيە، ئىران قاتارلىقلارنى ئىشىكنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشىمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت.
بۇلتۇر 9 – ئايدا پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىراق تىنچلىق يىغىنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى زېرىكىشلىك، ئۆلچىمى تۆۋەن، رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرغان، كۆلىمى تار، قۇرۇق گەپ بولۇپ، ھەرىكەت بولمىغان يىغىن بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ يىل 9 – ئايدا ب د ت يىغىنى ئېچىلغاندا، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئەگەر ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان يېڭى ئىستراتېگىيە تۈزۈلمەي، ھاۋادىنلا زەربە بېرىلسە، بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشمەيلا ئاياغلىشىشى مۇمكىن.


شىنخۇا ئاگېنتلىقى



خەتكۈچلەر:
11-06-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek