رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11-ئىيۇلدىن 16-ئىيۇلغىچە لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى كۇبا ئىكەن. ئۇ كۇبادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، پىلان بويىچە كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى فېردىل كاستىرو بىلەن ئۇچرىشىدىكەن، ئارقىدىن ئارگېنتىنادا زىيارەتتە بولىدىكەن. 13-ئىيۇلدىن 16-ئىيۇلغىچە، پۇتىن يەنە بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندىن سىرت، پوتىن يەنە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى رۇسىيىف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈدىكەن، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كارخانا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن ھەمدە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە، پۇتىن جۇڭگو، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved