55 ياشقا كىرگەن ياڭخۇڭ بۇ يىل 7-ئايدا، ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان قىزى بىلەن فرانسىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، پارىژدىن نيۇيورك كېننېدى ئايروپورتىغا كەلگەندە، تاموژنىغا مەلۇم قىلمىغان 160 مىڭ دوللار (1.03 مىليون يۈەن) قىممىتىدىكى نەرسە-كېرەكلىرى تەكشۈرۈلگەن. بۇ چاغدا ياڭخۇڭ تاموژنا خىزمەتچىسىگە ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە تېلېفون نومۇرى يېزىلغان بىر پارچە قەغەزنى سۇنۇپ، قىزىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە، 10 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى سائەتنى سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئارقىدىن تاموژنا خىزمەتچىسى ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئاۋازغا ئېلىش ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ كەلگەن ھەمدە قەغەزنى ياڭخۇڭغا قايتۇرۇپ بەرگەن. بۇ چاغدا ياڭخۇڭ يەنە ئەگەر قىزىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگوغا ئاپىرىپ ئوينىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئايروپورتتىن كەتكەن، نەق مەيداندا قولغا ئېلىنمىغان. بىراق، ياڭخۇڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ جۇڭگوغا قايتماقچى بولغاندا، ئايروپورتتا قولغا ئېلىنغان. بۇ دېلوغا 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سوت ئېچىلىپ، ياڭخۇڭنى 250 مىڭ دوللار (1.6 مىليون يۈەن) بىلەن ۋاقىتلىق كېپىللىككە قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغان.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved