شىنجاڭ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،شىنجاڭنىڭ بىرىنچى پەسىللىك «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»ى 70مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشىدىكەن،ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا %120ئاشۇرۇپ،ياخشى بولغان باشلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇردىكەن.
5ئاينىڭ 4كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتدىن ئىگەللىشىچە، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»ى 70مىليارد كىلوۋات سائەت بۇلۇپ ،سىرتقا توشۇلدىغان ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ 233.8 مىليارد توننىغا باراۋەر بۇلۇپ ،ئۈرۈمچىنىڭ بارلىق ئامما ئىشلىتىشكە يېتىدىغان بىر پەسىللىك توك مىقدارىغا باراۋەر كېلىدىكەن.
«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىستىراتېگىيسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ،شىنجاڭ بارلىق كۈچى بىلەن «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» تونىلى ۋە يۈرۈشلەشكەن توك مەنبە قۇرۇلۇشنى يولغا قويدى .
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىپادە بىلدۈرىشىچە ،«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 2011يىلدىن باشلاپ تاھازىرغىچە ئىزچىل ئەمىلىيلىشىپ كەلگەن بۇلۇپ ،سىرتقا توشۇلدىغان «شىنجاڭنىڭ توكى » جەمىي 300مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشىدىغان بۇلۇپ ، سىرتقا توشۇلدىغان ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ 993.7 مىليارد توننىغا باراۋەر بۇلۇپ،سانائەت جەھەتتىن تەخمىنەن 38.7 مىليارد يۈەن ئاشقان ،مالىيە كىرىمى تەخمىنەن 20 مىليارد يۈەن ئاشقان بۇلۇپ ،بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئۆزگەرتىش رولىنى ئوينىغان.
![]() |
«قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved