ئىقتىساد چېكىنىۋاتقان، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسى ئۇچقاندەك ئۆسۈۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، روسىيەلىكلەر بەس- بەستە تورغا چىقىپ، ھەرخىل ئائىلە لازىمەتلىكلىرىنى يېمەكلىككە ئالماشتۇرۇپ، زور مىقداردىكى ئىستىمالچىلار مال ئالماشتۇرىدىغان سودا تور بېكەتلىرى تۇيۇقسىز بارلىققا كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى. «موسكىۋا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشچە، روسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئالاقە تورى VKontakte نىڭ بايرىقى ئاستىدىلا بىر قاتار توردىكى ئىجتىمائىي رايونلىرى بار بولۇپ، ئوخشىمىغان شەھەرلەرگە تارقالغان، ئۇ يەردە شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئېلان بېرىپ، كىيىم- كېچەك، ئائىلە سايمانلىرى، ئاشخانا بۇيۇملىرى ھەتتاكى ئەرمەك ھايۋانلىرىنى «ياخشى يېمەكلىلەر» گە ئالماشتۇرالايدۇ.
بۇ خىل ئىدىيە سىبىرىيەدىكى شەھەر ئومسكىدا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، چارشەنبىگىچە بولغان ئارىلىقتا، شۇ جايدىكى توردىكى ئىجتىمائىي رايونىدىلا 58000 ئادەم زىيارەت قىلغان. سېلىشتۇرىدىغان بولساق، پايتەخت موسكۋادا گەرچە نوپۇس كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى توردىكى ئىجتىمائىي رايونىنىڭ كۆلىمى كۆپ كىچىك، چۈنكى بۇنىڭ سەۋەبى موسكۋانىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشىراق بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
بىر قىسىم ئېلانلار ئومۇمەن يۈزەكىلا دەپ قويماق بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئېلىپ كېلىپ ئالماشتۇرماقچى بولغان نەرسىنىڭ ئەھۋالى شۇنداقلا مۇمكىن بولىدىغان ئالماشتۇرۇش نىشانىدىن ئىبارەت. بىراق، بەزى بىر قىسىم ئىنتايىن ئېنىقلىرىمۇ بار، مەسىلەن، بىر چاچ تۈزلىگۈچنى بىر دانە توخۇغا ئالماشتۇرۇش، بىر دانە قولدا كۆتۈرۈۋالىدىغان خالتىنى بىر كىلوگرام شىكەرگە ئالماشتۇرۇش ۋە ياكى بىر دانە دەزمالنى ئۈچ قۇتا ساردىنا بېلىقىغا ئالماشتۇرۇش دېگەندەك.
روسىيە دۆلەتلىك تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى سىبىرىيە تارمىقى خەۋەر قىلىپ، ئومسكىلىقلارنىڭ مال ئالماشتۇرۇش سېستىمىسى شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ «كىرزىستا ھايات كەچۈرۈپ تۇرۇشتىكى ئاساسى» دېگەن.
ماددى ئەشيا قىس بولۇش ۋە مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆسۈش ئەھۋالىغا قارىتا، روسىيەلىكلەر چوقۇم ئامال تېپىپ چىقىشى لازىم.
تېلېۋىزىيە تورىنىڭ مۇخبىرى سەيشەنبىلىك پىروگراممىدا: «ئىقتىساد چېكىنگەن، تۈرلۈك جازالاشلارغا ئۇچراۋاتقان، يېمەكلىك باھاسى ئۇچقاندەك ئۆسۈۋاتقاندەك ۋاقىتتا، ئومسكى خەلقى ئۆز- ئارا ئاۋارىچىلىقققا پېتىپ قېلىشقا ئىمكان بەرمەستىن، بەلكى بۇ خىل سەمىمىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ساقلاپ قويغان ئارتۇق تاۋارلىرىدىن ئۆز- ئارا بەھرىلەندى دېدى.
روسىيەدە كىشىلەرگە كىيىم- كىچەك ۋە ئائىلە سايمانلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدىغان ياكى ئىنانە قىلىپ بېرىدىغان نىمكەش مال دۇكانلىرى ياكى خەير- ساخاۋەت ئورگانلىرى يوق بولۇپ، بىر قىسىم ئالاقە تورىنىڭ ئابونتلىرى بۇ توردىكى ئىجتىمائىي رايونلارنى كېرەك قىلمايدىغان مال- مۈلۈكلەرنى «ئەركىن ئوبورۇت» قىلىدىغان يول بىلەن تەمىنلىدى دەپ ماختاشتى.
ئومسكىدىكى ناتالىيە روۋنسكايا ئىسىملىك بىر ياش ئايال يېقىندا ئىككى قۇتا يېشىل چايغا بىر يۈرۈش قەھۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئالماشتۇردى، سىبىرىيەدىكى روسىيە دۆلەتلىك تېلىۋېزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆزىنىڭ دائىم كىتاب ۋە ئاشخانا بۇيۇملىرىنى ئېلىپ باشقىلار بىلەن ئالماشتۇرغىلى بارىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلار كىيىملىرىنىڭمۇ ئالاقە تورىدىكى ناھايىتى ئالقىشلىنىدىغان تاۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«ئۆتمۈشتە، بىر قىسىم كىشىلەر دائىم ئۆزلىرى لازىم قىلمايدىغان نەرسىلەرنى تاشلىۋېتەتتى، ئەمما ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ئالماشتۇرىدىغان پۇرستى بار بولدى». «مەن نۇرغۇن سودا- سېتىق قىلىپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى قولدىن چىقاردىم، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن، مەن يەنە نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم» دېدى ئۇ.
غەربنىڭ روسىيەنى جازالىشى سەۋەبىدىن، موسكۋامۇ بىر قاتار غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرىنى چەكلىدى، پېرىزدىنت پۇتىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ھەر قانداق ئەتكەس قىلىپ ئېلىپ كىرگەن يېمەكلىكلەرنى يوقىتىۋېتىشكە بويرۇق چۈشۈردى.
خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىپ، فېدراتسىيە ھايۋانلارنى تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلىش، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سېرگېي دانكۋېرت، روسىيەنىڭ 7- دېكابىردىن باشلاپ بېلروسىيە چىگرىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان يېمەكلىك ئىمپورتىغا چەكتىن تاشقىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ساختا ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىپ ئەتكەس قىلىنغان يېزا ئىگىلىك بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ چىگرىدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
روسىيە ئىقتىسادى چوڭقۇر چېكىنىش ئىچىدە تۇرماقتا، بۇ يىل ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىنىدىغان تارىيىش كۆلىمى 40 پىرسەنتكە يەتتى، بۇ بەلگىلىك نىسبەتتە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە روسىيەنىڭ گازارىيەنى يۇتۇۋالغانلىقىدىن، روسىيە بۆلگۈنچى كۈچلىرىنى قوللاپ غەربنىڭ جازالىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن بولدى. يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش پەرمانى روسىيە دۆلەت ئىچىدىكى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆستۈرۋەتتى.
يېقىندا، ئۇرۇش ئايروپىلانى تۈركىيە تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، روسىيە يەنە بىر قاتار كېلەر يىلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان تۈركىيەنىڭ ئىمپورت يېمەكلىرىنى چەكلەش تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقتى.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved