دۆلەت ئىچىدىكى ھەشەمەتلىك ماشىنا بازىرى جايلاشقان مۇھىم شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي ئىزچىل ھرخىل چوڭ ھەشەمەتلىك ماركىلارنى كۈتىۋالدى. 19-دېكابىر شەنبە كۈنى شاڭخەي شىنتىيەندى رايونى ئىككى ھەشەمەتلىك ماشىنا كۆرگەزمە زالىدىن ئىككى دانە ھەشەمەتلىك ماشىنا ئىككى نەپەر سىرلىق خېرىدار تەرىپىدىن ھەيدەپ كېتىلدى، بىرى پاگانىنىڭ مەخسۇس جۇڭگولۇق خېرىدارلار ئۈچۈن زاكاس ياساتقان نۇسخىسى، يەنە بىرى لەمبورگىنى بايرىقى ئاستىدىكى چەكلىك مىقداردىكى Aventador SV، ئىككى ماشىنىنىڭ ئومۇمى باھاسى 37 مىلىيون يۈەندىن ئاشىدۇ.
پاگانى Huayra Dinastia، دۇنيادىكى چەكلىك مىقدارى ئۈچ دانە، پاگانى جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن مەخسۇس زاكاس ياسىغان. ماشىنا گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران 1169mm، بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ بەل قىسىمىغا كېلىدۇ، زور مىقداردا كاربون تالالىق ماتىرىيال ئىشلەتكەنلىكتىن، پۈتۈن ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى 1350 كىلوگرام كېلىدۇ.
مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسىغا ئەھمىيەت بەرگەن. پاگانى Huayra غا 6.0 لىتىرلىق V12 قوش پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن، بۇ ماتورنى AMG مەخسۇس پاگانى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان، قۇۋىتى 700 ئات كۈچى، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 1000ن.م، يەتتە خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، يۈز كىلومېتىر\\سائەتكە تېزلىنىشقا 3.5 سىكۇنىت كېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 370Km/h غا يېتىدۇ، پاگانى Huayra Dinastia نىڭ باھاسى 29 مىلىيون يۈەندىن ئاشىدۇ.
يەنە بىر ھەشەمەتلىك ماشىنا بولسا لەمبورگىنىنىڭ نۆۋەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك چەكلىك مىقداردىكى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى Aventador LP750-4 SV، بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ باھاسى 8.01 مىلىيون يۈەن، بۇنىڭغا 6.5 لىتىرلىق V12 ئۆزلىكىدىن گاز سۈمۈرىدىغان ماتور سەپلەنگەن، قۇۋىتى 750 ئات كۈچى، يۈز كىلومېتىر\\سائەتكە تېزلىنىشقا 2.8 سىكۇنىت كېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 350Km/h غا يېتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved